ۋانگوك (ۋېنتسېنت ۋانگوك 1853-1890)گوللاندىيىدىكى بىر باستىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئىلگىرى خىزمەتچى ۋە مال ساتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.يەنە كان رايۇنىنىڭ مىسسىئونېرى بولغان.
ئۇ ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان ئوڭۇشسىزلىقلارغا ۋە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان،شۇنداق بولغاچقا ئاخىرىدا رەسىم سىزىشقا كىرىشىپ شۇ ئارقىلىق ئۆزىدىكى ئازاپ ۋە قىينچىلىقنى يېڭىش ئىرادىسىگە كەلگەن. ئۇ ئىلگىرىكى رەسىم سىزىش ئۇسلۇبىدا گوللاندىيەنىڭ ئەنئەنىۋى رەسساملىقى ۋە فىرانسىيەنىڭ رېئالىزىم رەسساملىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1886-يىلى پارىژغا كىلىپ ئىمپرېىسسئونىزىم(تەسىراتچىلار ئىقىمى)ۋە يىڭى ئىمپرېىسسئونىزىم ئىقىمىدىكى رەسساملار بىلەن تونۇشقان ھەم ئۇكىيۇئې(ياپونىيە ئۇسلۇبىدىكى رەسىم) بىلەن ئۇچراشقان،شۇنىڭ بىلەن نەزەر دائىرىسى كىڭىيىپ رەسىم سىزىش ئۇسلۇبىدا ئۆزگىرىش بولغان ھەمدە رەسىمىلىرى ئىلگىرىكى بۇرۇقتۇرمىلىق ۋە غۇۋالىقتىن ئىخچام،يورۇق،رەڭلىرى كۈچلۈكلۈككە ئۆزگەرگەن.
ئۇ 1888-يىلى فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كىچىك بازار ئالبادىكى ۋاقتىدا ئىمپرېىسسئونىزىم(تەسىراتچىلار ئىقىمى)ۋە يىڭى ئىمپرېىسسئونىزىمچىلارنىڭ تەسىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ ئەكسىچە يول تۇتقان. ۋانگوك ئالبادا بىر رەسساملار ئۇيۇشمىسىنى تەشكىللىمەكچى بولغان هةمدة گاۋگېن بىلەن ھەمكارلاشقان،بىراق ئىككەيلەننىڭ خارەكتىرى ۋە قارىشىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن ھەمكارلىقى تىزلا مەغلۇپ بولغان.شۇنىڭدىن كىيىن ئەقلىدىن ئىزىپ كىسىلى پات-پات قوزغالغان. (خاتىرىلىنىشىچە بەزىلەر ئۇنى تۇتقاقلىق كىسىلى بار دەپ قارىغان) لىكىن روھىي جەھەتتىن نۇرمال چاغلىرىدا رەسىم سىزىشنى داۋاملاشتۇرغان.
1890-يىلى 7-ئايدا تۇتقاقلىق كىسىلى يەنە قوزغىلىپ قىلىپ ئۆزىنى تاپانچا بىلەن ئىتىپ ئۆلتۈرۈۋالغان،شۇ چاغدا ئۇ 37 ياشتا ئىدى.
بۇ ئەسەبىي مىجەزىك سەنئەتكار قىسقىغىنا ھاياتىدا كىشىلەرگە قەلبىنى غايەت زور دەرىجىدە لەرزىگە سالغۇدەك ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن.ئۇنىڭ ئەسىرى جانلىق ۋە ئۆتكۈر بولۇپ ئۇ ئىلگىرى: «مەن رەسىم سىزىشتا مۇكەممەللىكنى ئەمەس ئۆزۈمنى ئىپادىلەشكە تىرىشتىم» دىگەن.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش