ئۇستاز رەسسام،تۇردى ئىمىن 1951-يىلى قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان،1970-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ، 1972-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى گۈزەل سەنئەت فاكۇلتىتىنىڭ جۇڭگۇچە رەسىم كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنغا گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەقسىم قىلىنغان ،1986-يىلى شىنجاڭ رەسساملار ئاكادىمىيسىگە يۆتكىلىپ كەلگەن .
ھازىر جۇڭگۇ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،شىنجاڭ رەسساملار ئاكادىمىيسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئەدەبىيات ،تارىخ سارىينىڭ مەسلىھەتچىسى ، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رەسسام.
ۋەكىل خارەكتىرلىك ئەسەرلىرىدىن «تاجىكلارنىڭ تويى»،«گۈلخان»قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا كۆپلىگەن كۆرگەزمىلەرگە قويۇلغان ۋە مۇكاپاتلانغان،«تۇردى ئىمىننىڭ جۇڭگۇچە رەسىم ئەسەرلىرى توپلىمى»نامىدىكى ئەسەرلەر توپلىمى تارقىتىلغان.
بۇ يىل 5-ئاينىڭ 11-كۈنى قەشقەر مەدەنىيەت يۇرتى(قەشقەر پەن –تېخنىكا مەدەنىيەت مەيدانى3-قەۋەت)دا ئۇستازنىڭ «تۇردى ئىمىن جۇڭگۇچە رەسىم ئەسەرلىرى تەكلىپلىك كۆرگەزمىسى»مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.
قوشۇمچە:
جۇڭگۇچە رەسىم جۇڭگۇنىڭ ئەنئەنىۋى رەسىم تۈرى بولۇپ ،ئۇزاق تارىخقا ۋە مول ئەنئەنىگە ئىگە.
جۇڭگۇچە رەسىم دۇنيا گۈزەل سەنئەت ساھەسىدە ئۆزگىچە خاس سىستېمىغا ئىگە ،ئۇ ئەدەبىيات ،خەتتاتلىق ، ئويمىچىلىق ۋە رەسساملىقىنى تەكىتلەيدۇ .
ئۇنىڭدا شېئىر ،خەتتاتلىق ،رەسساملىق بىرلىشىپ بىر پۈتۈن بەدىئىيلىكىنى ھاسىل قىلىدۇ .
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش