ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورىغا كىرگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز! نەزىرىڭىز سەرخىل يازمىلاردا بولسۇن!

مۇھەممەدجان ئەبەيدۇللا شەپقەت ئۇيغۇر خەتتاتلىقى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

2013-03-30 15:51 ئاپتور: مەنبە: ئىجادى كۆرۈلۈشى: 1,145 قېتىم ئىنكاس يازىمەن خەت رازمىرى: چوڭ نۇرمال كىچىك

  2013-يىلى 3-ئاينىڭ 23- كۈنى بارچۇق دىيارى مارالبېشىدا  مۇھەممەدجان ئەبەيدۇللا شەپقەت ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى  غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى.  كۆرگەزمىگە مارالبېىشىدىكى كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن خەتتات ۋە ھەۋەسكارلار بولۇپ 300  گە يېقىن ئادەم قاتناشتى. كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا جۇڭگۇ خەتتاتلار جەمئيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەتتاتلار جەىئيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە مۇئاۋىن باش كاتىۋى،  قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋە قەشقەر شەھەرلىك خەتتاتلار جەىئيىتىنىڭ دائىمى مۇئاۋىن رەئىسى قۇربانجان روزى شەيدائى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر خەتتاتلىقنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى ۋە مۇھەممەدجان ئەبەيدۇللا شەپقەتنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ كەڭ خەتتاتلارغا ۋە ھەۋەسكارلارغا رىغبەت بېرىپ تېخىمۇ تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
   كۆرگەزمە ئاخىرىدا نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىپ خەت يېزىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى . قۇربانجان روزى شەيدائى، ئۆمەرجان ئوسمان سەبرى، يۇنۇس قۇددۇس تەبرىزى، غۇلامجان قادىرى قۇتبىلىگ ۋە بىر قىسىم خەتتاتلار ماھارەت كۆرسەتتى.بىر قىسىم ئەسەرلەر كىم ئارتۇق قىلىپ يۇقىرى باھادا سېتىلدى.

   ياش تېۋىپ ،شائىر،خەتتات -مۇھەممەدجان ئەبەيدۇللا 1975-يىلى پىچان ناھىيەسىنىڭ لەمجىن بازىرىغا قاراشلىق خاندو رايونىدا مەرىپەتپەرۋەر دىنىي زات ئەبەيدۇللا داموللا ھاجىم ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1993-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىنىپ ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.1999-يىلى شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرىستېتى تارمىقىدا بىر يىل ئىنگىلىز تىلى ئۆگەنگەن. 1999-يىلدىن 2001-يىلغىچە يەنە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.2001-يىلىدىن 2003-يىلغىچە ئائىلىسىدە دادىسى ئەبەيدۇللا  داموللا ھاجىمدىن تېبابەتچىلىك بىلىملىرىنى ئۆگەنگەچ ئەرەب تىلى ئاساسىنى پۇختىلىغان 2003-يىلدىن 2006-يىلى يازغىچە خوتەن ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخىنىكومىدا ئۇيغۇر تىبابىتى دورىگەرلىك كەسپى بويىچە  بىلىم ئاشۇرۇپ ھازىرغىچە سېرىقبۇيا بازىرىدا شەخسىي تېبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. مۇھەممەدجان ئەبەيدۇللا 1993-يىلدىن باشلاپ شەپقەت تەخەللۇسى بىلەن  رەسىمىي ئىجادىيەتكە كىرىشىپ ، ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر،  20پارچىدىن ئارتۇق تەرجىمە ئەسەر، 100پارچىغا يېقىن ھۆسنخەت ئەسىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇ ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئيتىنىڭ ئەزاسى، مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا بازىرى «شەپقەت ئۇيغۇر تېبابەت ئامبۇلاتورىيەسى» نىڭ مەسئۇلى.

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

ئاتەش:
«ئاتەش» تەخەللۇسىنى قانداق سەۋەپلەر بىلەن قوللۇنۇپ قالغىنىم ئىسىمدە يوق. بەلكىم ئۆز كەسپىمگە بولغان ئوتتەك بىر قىزىقىش تۈرتكە بولغان بولىشى مۇمكىن. بىراق بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ئاتەش» ھەرگىز ۋە ھەرگىز ئوت- يالقۇنلارنى ئۇلۇغلاش، ئوت- يالقۇنلارغا سىغىنىش مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ.

ئىنكاس يوللاش

*

* (مەخپى)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif

Ctrl+Enter تىز ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەزا كىرىشتاقاش

ئەستە ساقلا پارولنى ئۇنتۇپتىمەن

ئەزا بولۇشتاقاش

小提示: 您的密码会通过填写的"电子邮箱"发送给您.