رەسسامنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ئەكبەر تۇرسۇن 1979-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۇنى زىيالى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ،1998-يىل شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ گۈزەل سەنئەت تولۇق كۇرۇش سىنپىغا قوبۇل قىلىنغان ھەمدە ئۆز كەسپىنى سۆيۇپ جاپىلىق تىرشىشى نەتىجىسىدە 2002-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۇنى ئۇرۇمچى شەھرىدە «ئەكبەر تۇرسۇن گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى» تىمىسىدا شەخسى كۆرگەزمە ئېچىپ ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلىرى ۋە كەڭ جامائەتنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ھەم ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۇتتۇرگەن .
2003-يىلى ئۆز قىزىقىشى بىلەن «12مۇقامنى سۇرۇتكە ئېلىش گورۇپپىسى» نىڭ «ئەجەم مۇقامى » گورۇپپىسىغا قاتناشقان 2004-يىلى قەشقەر سەنئەت مەكتىۋىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان ئۇ بىر تەرەپتىن ئەۋلادلارنى تەربىيلەش بىلەن بىرگە بوش ۋاقىتلاردىن ئۇنۇملۇك پايدىلىنىپ گۈزەل سەنئەت ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ مەملىكەتلىك ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ،ۋىلايەتلىك چوڭ كۆرگەزمىلەردە نۇرغۇن ئەسەرلىرى مۇكاپاتلانغان .2003-يىلىدىن ھازىرغىچە پادىچى قىز ، قەدىمىي قەشقەر ،بالىلىقىم ، قەشقەر كوچىسى ،قوغۇنچى بوۋاي ،كىچىك باققال ئۇيغۇر بوۋاي قاتارلىق 7پارچە ئەسىرى مەملىكەتلىك «گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ گۈزەل سەنئەت فوتو سۇرەت ،ھۆسنىخەت ئەسەرلىرى مۇسابىقىسى » دە ئايرىم –ئايرىم ھالدا 1-2-3-دەرىجىگە ئېرىشكەن ،2005-يىلى مەملىكەتلىك گۈزەل سەنئەت ،ھۇنەر- سەنئەت لاھىيلەش مۇسابىقىسىدە «ئەتىرگۇل ھارىقى » تىمىسىدىكى ئېلان لاھىيسى 3-دەرىجىگە ئېرىشكەن ،2007-يىلى 11-ئايدا قەشقەر ۋىلايىتى بويىنچە ئۆتكۇزۇلگەن «تۇنجى نۆۋەتلىك ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى »دە بازار ناملىق ئەسىرى 3-دەرىجىگە ئېرىشكەن ،2008-يىلى «مەرھابا باھار » تىمىسىدا ئۆتكۇزۇلگەن رەسىم كۆگەزمىسىدە «شاپتۇل پىشتى » ناملق ماي بوياق ئەسىرى 2-دەرىجىگە ئىرىشكەن 2009-يىلى 10-ئايدا قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۆتكۇزۇلگەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىنى تەبرىكلەش گۈزەل سەنئەت ،ھۆسنىخەت قوتو-سۇرەت مۇسابىقىسىدە «پادىچى قىز » ناملىق ماي بوياق ئەسىرى 1-دەرىجىگە ئىرىشكەن .
ئەكبەر تۇرسۇننىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى ،ماي بوياق رەسىملىرى ،شئېرلىرى «شىنجاڭ سەنئىتى » «قەشقەرگىزىتى»«كومپىيۇتېر ۋە تۇرمۇش »،«مىراس »،شىنجاڭ مائارىپى »،«قەشقەر ئەدەبىياتى »،قاتارلىق گىزىت –ژورناللاردا 47پارچە ئەسىرى ئېلان قېلىنغان .2010-يىلى 7-ئايدا چاڭچۇن شەھرىدە ئۆز كەسپى بويىنچە تەربىيلەشكە بارغان ،
2004-يىلدىن ھازىرغىچە قەشقەر سەنئەت مەكتەپتە ئىشلەپ كەلمەكتە .
2014-03-17 09:18:17 گىلەم
قولىغا دەت كەلمىسۇن. بەك ياخشى سىزىلىپتۇ… ساقلاپ قويغۇلۇق…
2014-02-26 03:16:27 كىگىز
ئەكبەر مۇئەللىمنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن.
تەكلىپنامىسى يوقلار بېرىپ كۆرسىمۇ بولامدۇ يا
2014-02-26 13:04:40
بولىدۇ، بولىدۇ. بىزمۇ شۇ تەكلىپنامە تاپشۇرۋالالمىغانلار خەۋەردار بولۇپ قالسۇن دەپ …