ئابدۈشكۈر كېرىم (كۆك)،ئۇيغۇر،1949-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان.1970-يىلى شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن.1982-يىلى جېجىياڭ گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا بىلىم ئاشۇرغان،ھازىر شىنجاڭ رەسساملار ئاكادىمىيسىنىڭ كەسپىي رەسسامى،جۇڭگۇ رەسساملار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى،شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى،دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك رەسسام.
«ئۇدۇم قالدۇرۇش»،«قۇمۇل كۆك مەشرىپى»،«قارا چىراغ ئۇسۇلى»،«پامىرلىقلار»،«ئائىلەم»،«بۈركۈت ئۇسۇلى»…قاتارلىق ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىلىرىگە تاللانغان،بىر قىسىم ئەسەرلىرى چەتئەللەردە ساقلىنىۋاتىدۇ.
1995-يىلى جۇڭگۇ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا شەخسىي ماي بوياق ئەسەرلىرى ۋە خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئاچقان،ھەمدە «خەلق گېزىتى» قاتارلىق مەملىكەت ئىچىدىكى گېزىت-ژۇرناللاردا مەخسۇس تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان،«ئايال خوجايىن»،«قىزىم» قاتارلىق ئەسەرلىرى جۇڭگۇ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ساقلانماقتا.
1993-يىلى شەخسىي ماي بوياق ئەسەرلىرى توپلىمى نەشىر قىلىنغان.
2001-يىلى ئۈرۈمچى شەھرىدە شەخسىي ماي بوياق ئەسەرلىرى ۋە خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئاچقان.
ئەسكەرتىش : رەسسامنىڭ تەرجىمھالى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر رەسسامنىڭ شەخسىي ماي بوياق ئەسەرلەر توپلىمى ۋە «زامانىمىزدىكى جۇڭگۇ شىنجاڭ ماي بوياق رەسساملىرى»دېگەن كىتاپتىن ئېلىندى.
ئەگەر ئاپتۇرلۇق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتتى دەپ قارالسا بلوگىمىزدىن مەزكۇر يازمىنى 24سائەت ئىچىدە ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش