ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ خەۋىرى، فوتوسى: قەشقەر شەھەرلىك رەسساملار جەمئيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قەشقەر شەھەرلىك 3 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گۈزەل – سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى مۇھەممەتجان نەسىردىننىڭ نەۋرۇز بايرىمىنى كۈتۈۋىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن « ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» 16-مارت، قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتى كۆرگەزمە زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيىتى، قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە، رادىيو -تېلىۋىزىيە ئىدارىسى، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە شەھەرلىك 3 – ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن، قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتى ئۇيۇشتۇرغان بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قەشقەر شەھرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى، تەشكىللىگۈچى ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى، قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى بىر قىسىم خەتتاتلار، رەسساملار، قەشقەر شەھەرلىك 3- ئوتتۇا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار شۇنداقلا مۇھەممەتجان نەسىردىننىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرى، ساۋاقداشلىرى، كەسىپداشلىرى بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى ۋە ئۇنىڭ مۇۋەپىققىيىتىنى تەبرىكلەپ سوۋغا تەقدىم قىلدى. قەشقەر شەھەرلىك 3 – ئوتتۇرا مەكتتەپتىكى 80 نەپەر قىز – ئوغۇل ئوقۇغۇچى نەق مەيداندا ئۇيغۇر ساما ئۇسسۇلى ئويناپ، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا يېڭى مەنا قوشتى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە مۇھەممەتجان نەسىردىننىڭ يېقىنقى يىللاردا ئىجات قىلغان بەدئىيلىگى بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيىدە سىزىلغان 70 پارچە ماي بوياق ئەسىرى قويۇلغان بولۇپ، كۆرگەزمە ئەھلىنىڭ ۋە كەسىپداشداشلارنىڭ يۇقىرى باھىسىغا ئېرىشتى.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش