ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورىغا كىرگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز! نەزىرىڭىز سەرخىل يازمىلاردا بولسۇن!

40 يىل ئىلگىرى تىيەنئەنمېن راۋىقى مەخپىي چېقىلىپ قايتا ياسالغان

2011-08-05 16:00 ئاپتور: مەنبە: ئىجادى كۆرۈلۈشى: 2,076 قېتىم ئىنكاس يازىمەن(11پارچە) خەت رازمىرى: چوڭ نۇرمال كىچىك

تارىخىي خاتىرلەرگە ئاساسلانغاندا، تىيەنئەنمېن ئەڭ دەسلەپتە مىڭ سۇلالىسىنىڭ يۇڭلى 18- يىلى (1420- يىلى) ياسالغان  بولۇپ، ياسىغاندا پۈتۈنلەي نەنجىڭدىكى چېڭتىيەنمېنغا تەقلىد قىلىنىپ، چېڭتىيەنمېن دەپ ئاتالغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ تىيەنشۈن يىللىرى، يەنى 1457- يىلى 7-ئايدا چېڭتىيەنمېنغا ئوت كېتىپ، راۋاقلىرى كۆيۈپ كەتكەن. 1465- يىلى مىڭشىيەنزۇ قۇرۇلۇش دېۋان بېگى زىگۇينى چېڭتىيەنمېننى قايتا ياساشقا بۇيرۇغان. راۋاق خاتىرە راۋىقى شەكلىدىن ئوردا شەكلىگە ئۆزگەرتىلىپ، ھازىرقى تىيەنئەنمېننىڭ كۆلىمى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن. 1644- يىلى چېڭتىيەنمېن يەنە ئۇرۇش ئوتىدا ۋەيران بولغان. ياندۇرقى يىلى يەنە چېڭتىيەنمېننى قايتا قۇرۇشقا ئىش باشلىنىپ، ئالتە يىلدىن كېيىن قۇرۇلۇش تاماملانغان. شۇنىڭدىن ئېتبارەن، رەسمىي ھالدا  تىيەنئەنمېن، دەپ ئۆزگەرتىلگەن.

شىڭتەيدىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن، تىيەنئەنمېن راۋىقى بۇزۇلۇپ، شەكلى ئېغىر دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتكەن

550 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە تىيەنئەنمېن راۋىقى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئۇزاق مۇددەت رېمونت قىلىنماي، قۇرۇلۇش قۇرۇلمىسى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن، ئاساسىي گەۋدىسىمۇ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن. يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن، گەرچە كۆپ قېتىم رېمونت قىلىپ مۇستەھكەملەنگەن بولسىمۇ، ئەمما مەسلە تەلتۆكۈس ھەل بولمىغان. 1969- يىلى خېبىينىڭ شىڭتەي رايۇنىدا ئالتىدىن 7.5 بالغىچە كۈچلۈك يەر تەۋرەپ، تىيەنئەنمېن راۋىقىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى ئېغىرلاشتۇرۋەتكەن. 1969- يىلىنىڭ ئاخىرىدا گوۋۇيۈەن تىيەنئەنمېن راۋىقىنى پۈتۈنلەي چېقىپ، ئەسلى ئورنىغا، ئەسلىدىكى ئۆلچەم ۋە ئەسلىدىكى قۇرۇلۇش شەكلى بويىچە يېڭى تىيەنئەنمېن راۋىقى ياساشنى قارار قىلغان.

سەككىز كۈندە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇش «كەپىسى» ياسالغان

تىيەنئەنمېن راۋىقىنىڭ ئۇزۇنلىقى 66 مېتىر، كەڭلىكى 37 مېتىر، ئېگىزلىكى 32 مېتىر بولۇپ، بۇنداق زور قۇرۇلۇشنىڭ ئۈستىنى پۈتۈنلەي يېپىشنىڭ قىينلىق دەرىجىسىنى مۆلچەرلەش تەس. ئەگەر پولات تۇرۇبىلاردا جاھازا ياساشقا توغرا كەلسە، بىر ئاي كېتەتتى. جاھازا ياسىغۇچى ئىشچىلار ىادىلارنى بىر-بىرىگە باغلاپ، قاتمۇ-قات ئۇلاپ، بورا بىلەن كەپە ياسىغان. ماتېرىيال يەتكۈزىدىغان بىر ئايلانما يولنى قالدۇرغاندىن باشقا، پۈتۈن راۋاقنى مەھكەم ئوراپ، ئازراقمۇ يوچۇق قالدۇرمىغان. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان بۇ «كەپە» نى قۇراشتۇرۇشقا پەقەتلا سەككىز كۈن ۋاقىت كەتكەن. ئەينى چاغدا بۇ دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىش ئىدى. ئۇلار يەنە جۇڭشەن باغچىسىنىڭ ئىچىگە ۋاقىتلىق پار قازىنى ئۆيى قۇرۇپ، سۇ تۇرۇبىلىرىنى بىۋاستە راۋاققا ئۇلاپ، بورىنىڭ تۆت ئەتراپىغا بىر قانچە قەۋەت پار تۇرۇبىسى ئورناتقان. بۇنىڭ بىلەن قىش كەلگەندىمۇ، كەپە ئىچى ئىسسىق تۇرغان.

مەخپىيەتلىكىنى قەتئىي ساقلاش ئۈچۈن، بۇ ئىش بېيجىڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە بىلدۈرۈلمەيلا قالماستىن، ھەتتا شۇنچە يېقىن جۇڭشەن باغچىسىدىكى خادىملارمۇ بورا بىلەن ئوراپ قويۇلغان تىيەنئەنمېن ئىچىدە نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەلمىگەن. قايتا قۇرۇشقا قاتناشقان بارلىق خادىملاردىن مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلاش، ھېچقانداق ئادەمگە ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەرگىمۇ ئېيتماسلىق تېخىمۇ تەلەپ قىلىنغان. بۇ بىر سىياسىي ۋەزىپە ئىدى.

راۋاقنىڭ بارلىق تۈۋرۈكلىرىگە ئىمپورت قىلىنغان ياغاچ ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن

تىيەنئەنمېن راۋىقىنىڭ 60 دىن ئارتۇق تۈۋرۈكى بار بولۇپ، ئەڭ توملىرىنىڭ دىئامېتىرى 1.2 مېتىر، ئەڭ كىچىكلىرىنىڭ 0.6 مېتىر ئىدى. ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلىقى 12 مېتىر، ئېغىرلىقى يەتتە توننىدىن كۆپرەك ئىدى. ئەينى چاغدا خەينەن ئارىلى ۋە شىشۇاڭبەننادىكى ئىپتىدائىي ئورمانلىقتىن سۈپىتى ياخشىراق، ھەتتا ئۇنىڭدىن چوڭراق ياغاچلار تېپىلغان بولسىمۇ، توشۇش مەسلىسى تۈپەيلىدىن ، گابۇن ۋە بورنېئو ئىشتاتلىرىدىن ئىمپورت قىلىنغان. بۇ خىل ياغاچ ماتېرىيالنىڭ سۈپىتى ياخشى، رەڭگى قىزىل ياكى سىرىق بولۇپ، ئوتتا كۆيمەي، ئىسلا چىقىراتتى. ئۇزاق يىل ياغاچچىلىق قىلغان ياۋلەيچۈەننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئەزەلدىن بۇنداق ياخشى ياغاچ ماتېرىيالنى كۆرۈپ باقمىغانىكەن. گوۋۇيۈەننىڭ «قۇرۇلۇش ماتېرىياللىنى پۈتۈنلەي يېڭلاش» تەلىپىگە ئاساسەن، ياغاچ بىناكارلىق دىتاللىرىنى بېيجىڭ «گۇاڭخۇا» ياغاچ ماتېرىياللىرى زاۋۇتى پىششىقلاپ ئىشلىگەن. يېڭدىن ئىشلەنگەن بارلىق ياغاچ تۈۋرۈك ۋە لىملارغا بىردەك، پۈتۈن ياغاچلار ئىشلىتىلگەن. بارلىق ياغاچ بىناكارلىق دىتاللىرى چىرىشتىن، قۇرۇتلاشتىن، ئوتتىن ئۇداپىئەلىنىش بويىچە خىميەلىك بىر تەرەپ قىلىنغان.

شىشەن تېمىنى چاققاندا، يەتتە دانە زەمبىرەك ئوقى چىققان

شىشەن تېمىنى چاققاندا، بىر ئىشچى دىئامېتىرى 9.5 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 45 سانتىمېتىر كېلىدىغان بىر مۇكەممەل زەمبىرەك ئوقىنى تاپقان. قوماندانلىق ئىشتابى دەرھال ج خ تارماقلىرىغا ئەتراپتىكى توپىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كېتىپ، تەتقىق قىلىش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرگەن.

كېيىنكى چېقىش داۋامىدا يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئوخشاش زەمبىرەك ئوقىدىن ئالتىسى چىققان. بۇ يەتتە تال زەمبىرەك ئوقى باشتىن- ئاخىر بىر سىر بولۇپ كەلمەكتە. ئەينى چاغدىكى «سىنپىي كۆرەشنى تۇتقا قىلىش» تىن ئىبارەت سىياسىي مۇھىت شارائىتىدا، بۇ خەۋەرنى ھەرگىزمۇ سىرتقا ئاشكارىلاشقا بولمايتتى. شۇڭا، ھازىرغىچە بۇ يەتتە تال زەمبىرەك ئوقىنىڭ قەيەردە ساقلىنىۋاتقانلىقى نامەلۇم.

ئالتۇن ھەل بېرىشكە ئالتە كىلوگرام ئالتۇن ئىشلىتىلگەن

ياغاچچىلىق ئىشلىرى تۈگىگەندىن كېيىن، سىرلاش، رەڭلىك رەسىم سىزىشتا، بارلىق ئەجدىھا- سۇمۇرۇغلارنىڭ قاتتىق بولغان قۇرۇلۇش تەرتىپى بويىچە ئىشلەنگەن. ئەڭ ئاخىرىدىكى ئىش ئالتۇندىن ھەل بېرىش بولۇپ، قايتا سىلىنغان راۋاققا جەمئىي ئالتە كىلوگرام ئالتۇن ئىشلىتىلگەن، ئالتۇنلار پۈتۈنلەي ئىمپورت قىلىنغان. سىرچىلار ئالتۇن ياپراقچىلىرىنى ئىھتىيات بىلەن بامبۇك قىسقۇچتا بىرتال- بىرتالدىن قىسىپ ئېلىپ، تېخى قۇرىمىغان سىر ئۈستىگە يىپىشتۇرغان، ئاندىن ئىنچىكە موي قەلەم بىلەن، ئاستا سىرىپ تۈزلىگەن…

ئەينى چاغدىكى سىياسىي كىلىماتقا ئاساسەن، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، قوماندانلىق ئىشتابى يەنە توققۇز كىشىدىن تەركىپ تاپقان تەكشۈرۈش گورۇپپىسى قۇرۇپ، مېنا دېتېكتورى بىلەن بارلىق چېرتىيۇژلارنى تەرتىپ بىلەن تەكشۈرگەن. مېنا دېتېكتورى ناھايىتى سەزگۈر بولۇپ، بىر لىم تەگلىكىنى تەكشۈرگەندە، مېنا دېتېكتورى تۇيۇقسىز سايراپ كەتكەن. چېرتىيۇژدا بولسا، بۇ جايدا ھىچقانداق مىخ قاقىدىغان جاي يوق ئىكەنلىكى خاتىرلەنگەن ئىدى. ئاخىرى لىم تەگلىكى چۇۋۇلۇپ، ئىچىدىن ياغاچقا ئىشلىتىلىدىغان بىر گۈرجەك تىپىلغان. باشقا مەخسەت بارمۇ ياكى ئىھتىياتسىزلىق قىلىنغانمۇ؟ نەخ مەيداندىكى كىشلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئېنىق بىر نېمە دېيەلمىگەن. ئەينى چاغدا مۇشۇ ئىش ئۈچۈن مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانمۇ، مەسئۇل كىشى تېپىپ چىقىلغانمۇ بۇنىسى ئېنىق ئەمەس. كېيىن  مېنا دېتېكتورى شەرقتىكى پەلەمپەينى تەكشۈرگەندە يەنە توختىماستىن سايراپ كەتكەن، سېمونت بىلەن تەكشى سۇۋالغان يەردە قانداق مەسلە باردۇ؟ دەرھال چېقىش كېرەك. نەتىجىدە ھېچنىمە بايقالمىغان. كېيىن ئۇ سېمونت ئۇۋاقچىلىرىنى تەكشۈرگەندە، ئەسلىدە بۇيەرگە ئىشلىتىلگەن تاش ماتېرىيالىنىڭ تۆمۈر تەركىبى يۇقىرراق ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

112 كۈندە مەخپىي چېقىلىپ، قايتىدىن سېلىنىپ پۈتكەن، تىيەنئەنمېن راۋىقى تېخىمۇ جۇلالىغان

تىيەنئەنمېن راۋىقىنى قايتا قۇرۇش قۇرۇلىشى 1969- يىلى 12- ئاي 15- كۈنى رەسمىي باشلىنىپ، 1970- يىلى 3- ئاينىڭ 7- كۈنى تاماملانغان بولۇپ، توپتوغرا 112 كۈن كەتكەن. بۇ قۇرۇلۇشقا كاھىشتىنلا يۈز خىلدىن كۆپرەك ئۆلچەمدە يۈز مىڭدىن كۆپرەك ئىشلىتىلگەن. تام ئۇلىغا بىر قەۋەت خىش بېسىلغان، سىرتقى تېمى 50 سانتىمېتىر قىلىنلىقتا سېمونت بىلەن سۇۋالغان. قايتا ياسالغان تىيەنئەنمېن راۋىقى ئەسلىدىكىدىن 87 سانتىمېتىر «ئۆسۈپ قالغان»، چۈنكى تىيەنئەنمېن راۋىقى كۆپ يىل ئلتۇرۇشۇپ كەتكەن بولۇپ، تارىخىي خاتىرلەرگە ئاساسلانغاندا، تىيەنئەنمېننىڭ ئەسلىدىكى ئېگىزلىكى ئەسلىگە كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ. قايتا سىلىنغان تىيەنئەنمېن راۋىقىنىڭ ئەسلىدىكى تاشقى قىياپىتى، ئۆلچىمى ۋە قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرلىشى پۈتۈنلەي ساقلاپ قىلىنغان ھەمدە توققۇز بال يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرالايدىغان قىلىپ لايىھىلەنگەن. شەرقىي ۋە غەربتىكى لەمپە سۇپىسى ئېگىزلىتىلگەن، توغرا تام نىپىزلىتىلگەن، شۇئار تاختىسى ئالماشتۇرۇلغان، لېفىت ئورنىتىلغان، توك بىلەن تەمىنلەش، يورۇتۇش، سۇ يەتكۈزۈش، پار، تېلفۇن، رادىئو- تېلىۋىزىيە، ئاخبارەت سۈرىتىگە ئېلىش قاتارلىق زامانىۋى ئەسلىھەلەر كۆپەيتىلگەن. سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، مەركەز ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى 21 ئۆلكە (شەھەر) نىڭ 216 تارمىقى قاتناشقان بۇ قۇرۇلۇشتا ئەڭ جىددىي پەيىتلەردە 2700 دىن كۆپرەك ئادەم ئىشلىگەن. پۈتكۈل نەخمەيداندىكى ئىش سۈرئىتىنىڭ تېز، سۈپەتنىڭ يۇقىرىلىقى دۇنيادا كەم ئۇچرايدۇ.

مەنبە: قەشقەر گېزىتى 2011- يىلى 1-ئاينىڭ 7- كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى.

قوشۇمچە:

 

قايتا ياسىلىشتىن ئىلگىرىكى تىيەنئەنمېن راۋىقى (1949- يىل)

تىيەنئەنمېن راۋىقىنىڭ ھازىرقى ھالىتى

ئاتەش:
«ئاتەش» تەخەللۇسىنى قانداق سەۋەپلەر بىلەن قوللۇنۇپ قالغىنىم ئىسىمدە يوق. بەلكىم ئۆز كەسپىمگە بولغان ئوتتەك بىر قىزىقىش تۈرتكە بولغان بولىشى مۇمكىن. بىراق بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ئاتەش» ھەرگىز ۋە ھەرگىز ئوت- يالقۇنلارنى ئۇلۇغلاش، ئوت- يالقۇنلارغا سىغىنىش مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ.

تورداشلار ئىنكاسلىرىھازىر11پارچە ئىنكاس چۅشۅپ بولدى, مەنمۇ يوللايمەن

  1. پەنجىر
    2011-12-22 16:14:29 گىلەم

    بەلكىم. دەسلەپ قۇرۇلغاندا قاتناشقان ئېھتىمال .

  2. ئىلچىن
    2011-08-21 04:33:45 كىگىز

    بولسا بۇنى ئۇيغۇر لاھىيەلىگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار بولسا كۆرسەك بولاتتى….

  3. ئىلچىن
    2011-08-21 04:33:00 3#

    مۇنداقمۇ ئىشلار بار ئىكەن دىسە …. ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ….

  4. بارخان
    2011-08-14 06:52:01 4#

    خەن بىناكارلىقىنىڭ سىموۋلى

    • ئاتەش
      2011-08-14 13:35:17

      قايسى كۈنى كەسىپداش بىر ئۇستازنىڭ تىيەنئەنمېننى ئۇيغۇر لايىھىلىگەنلىكى توغرىسىدىكى گىپىنى ئاڭلاپ قالدىم، تارىخ بىلىدىغانلار بىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىساڭلار، راست ياكى يالغان ئىكەنلىكىنى بىر ئېنىق بىلىۋالساق بولاتتى.

      • ghenibay
        2011-09-14 07:19:33

        مېنىڭ ئاڭلىغىنىم ئۆز زامانىسىدىكى ئۇيغۇرلار 紫禁城 (ئوردا) قۇرۇلۇشىنى لايىھىلەش،ياساشقا قاتناشقان ، يازمىدا دېيىلگەن راۋاق شۇنىڭ بىر قىسمى بولالامدۇ يوق بۇنى بىلمىدىم …

      • بارخان بلوگ
        2011-08-29 05:34:58

        ئ مەن بۇنى ئۇيغۇرلار لايھىلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن،ئاتەش بۇرادەر بۇنىڭ گىپىنى چىقىرىپ قالدىڭىز بولسا ھىلىقى كەسىپدىشىڭىزدىن تەپسىلىيرەك ئەھۋالنى سۈرۈشتۇرۇپ شۇ توغۇرلۇق بىر چۈشەنچە بىرىرڭە

        • ئاتەش
          2011-08-29 15:48:51

          مەمەن يەنە قايتا بىر سۈرۈشتۈرۈپ كۆرەي.

      • رازۋىتچىك
        2011-08-16 15:27:11

        مەنمۇ شۇنداق ئاڭلىغان، لىكى ئېنىق بىر چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەستىم ،بولسا بىر بىلۋالساق بولاتتى.
        لىكىن 8كۈندە ياساپ بولغىنىغا ئىشەنگۈم كەلمىدى.

        • ئاتەش
          2011-08-18 23:49:38

          ياق، سەككىز كۈن دېگىنى قۇرۇلۇشنى قايتا ياساشنى مەخپىي ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ياسىغان، «كەپە»نى ياساشقا كەتكەن ۋاقىت ئىكەن، ئومۇمىي قۇرۇلۇشنى ياساشقا 112 كۈن كېتىپتىكەن.

  5. شاۋقۇن
    2011-08-06 07:34:48 5#

    بۇ قۇرلۇشنىڭ ئەسلى مۇنداق تارىخى بار ئىكەندە !

ئىنكاس يوللاش

*

* (مەخپى)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif

Ctrl+Enter تىز ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەزا كىرىشتاقاش

ئەستە ساقلا پارولنى ئۇنتۇپتىمەن

ئەزا بولۇشتاقاش

小提示: 您的密码会通过填写的"电子邮箱"发送给您.