ئالدىنقى قېتىملىق بىر يازمىمىزدا مەمەتجان ھەمدۇللارنىڭ بىر قىسىم 3D MAX ئەسەرلىرىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغان ئىدۇق، گەرچە ئۇ ئەسەرلەر مەمەتجاننىڭ بىرقىسىم ئەسەرلىرى بولسىمۇ تورداشلار تەرىپىدىن كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان يازمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. شۇڭا بۈگۈن يەنە مەمەتجان ھەمدۇللانىڭ يەنە بىرقىسىم 3D MAX ئەسەرلىرىنى ئېلىپ كەلدىم.
بۇنىڭدىن كېيىن مەمەتجاننىڭ ئەسەرلىرى مۇشۇ يازمىغا تولۇقلىنىدۇ، كەسىپداشلار ۋە تورداشلارنىڭ دىققىتى مەمەتجاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەسەرلىرىدە بولغاي.
ئاتەش:
«ئاتەش» تەخەللۇسىنى قانداق سەۋەپلەر بىلەن قوللۇنۇپ قالغىنىم ئىسىمدە يوق. بەلكىم ئۆز كەسپىمگە بولغان ئوتتەك بىر قىزىقىش تۈرتكە بولغان بولىشى مۇمكىن. بىراق بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ئاتەش» ھەرگىز ۋە ھەرگىز ئوت- يالقۇنلارنى ئۇلۇغلاش، ئوت- يالقۇنلارغا سىغىنىش مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ.
2013-07-27 02:57:32 گىلەم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى، شۇنداقلا بارلىق تورداشلار ياخشىمۇسىلەر، مىنىڭ 3 د ماكىس نى شۇنداق ئىشتىياقىم بىلەن ئۆگەنگىم بار ئىدى، لىكىن تازا خەنزۇتىلىنى پىششىق بىلمىگەنلىك سەۋەبى بىلەن خەنزۇچە تىلدىكى دەرسلىكلەرنى ياخشى چۈشۈنەلمىدىم، ئەگەر كىمدە 3 د ماكىسنىڭ ئۇيغۇرچە نۆلدىن باشلاپ تەپسىلىي سۆزلەنگەن دەرسى بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار، مەن دەرسلىكنى سىتىۋىلىپ مۇشۇ جەھەتتىكى ئۆگىنىش ئارزۇيۇمنى قىزىقىشىمنى بىر ئەمەلگە ئاشۇرۇۋالسام! ئۇلۇغ ئاي ئۇلۇغ كۈنلەردە ئۇلۇغ ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن. رەھمەت… ئۇيغۇرچە دەرسلىك بارلار ئالاقىلاشساڭلار، ئالاقىلاشقۇچى:ئىمامجان چ چ : 877407551 تېلېفۇن: 13209969958
2013-07-29 03:40:07
ماۋۇ ئادېرىستىكى دەرسلىكنى كۆرۈپ بېقىڭ، بەلكىم ئەسقىتىپ قالار.
http://www.intil.biz/home/thread-3207-1-1.html
2013-06-17 08:21:06 كىگىز
باللا كومپىيۇتۇردا رەسىم ياكى ھەرخىل شەكىل لاھىيىلەيدىغان ئەڭ يىڭى دىتال قايسى ئىشلىتىش ئۇسۇلى قانداق .. ؟
2013-06-20 16:23:55
ئادەتتە ئىشلەنگەن لايىھەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئىشلىتىدىغان دېتاللارمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، تەكشلىك لايىھىلەشكە ھازىر adobe photoshop كۆپرەك ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا illustrator ، coreldraw قاتارلىق ۋېكتورلۇق لايىھىلەش دېتاللىرىمۇ بار.
ئەگەر ئۈچ ئۆلچەم لايىھىسى بولسا maya ، 3ds max ، zbrush …. قاتارلىق دېتاللار كەڭ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. (ئەلۋەتتە يەنە بۇنىڭدىن باشقا مۇنەۋۋەر دېتاللارمۇ باردۇ)
ئەمدى بۇ دېتاللارنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا كەلسەك، ئىشلىتىش ئۇسۇلى بەك ئاسانمۇ ئەمەس، لىكىن مېنىڭچە مەيلى تەكشىلىك دېتاللىرى بولسۇن ۋە مەيلى ئۈچ ئۆلچەم دېتاللىرى بولسۇن مەلۇم بىر قانۇنىيەت بار، شۇ ئاساسىي قانۇنىيەتلەرنى بىلىۋالساقلا، بۇ دېتاللارنى ئۆگىنىش ئۇنچە تەسكە چۈشمەسلىكى مۇمكىن.
توردىن مۇناسىۋەتلىك ئاچقۇچلۇق سۆز بويىچە ئىزدىسىڭىز، ناھىيىتى ياخشى پايدىلنىش ماتېرىياللىرى ۋە دەرسلىكلىرىگە ئىرىشەلەيسىز.
2011-07-21 15:04:29 3#
3D MAX نى چۈشۈرسەم ئىقتىدارى تازا ياخشى چىقمىدى،سىغىمىمۇ ئانچە كىچىك ئەمەستى بولمىسا.
2011-07-22 03:29:25
مەسلەن قايسى ئىقتىدارى ئىشلىمىدى؟ مەن دەسلەپتە ئۈگەنگەندە7.0 نەشىرىنىڭ 80 مىگابايىتلىقنى قاچىلاپ ئىشلەتكەن، قارىسام ياردەم ھۆججەتلىرى ئىشلىمەي، 600 مىگابايىتلىقنى قاچىلاپ ئىشلەتتىم، ھازىر 9.0 نەشىرىنىڭ 400 نەچچە مىگابايىت ئەتراپىدا كىلىدىغىنىنى ئىشلىتىۋاتىمەن. بۇ نۇسخىسىدىمۇ بەك مۇرەككەپ مودىل بولمىسا بىزدەك ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە بولامدىكىن دەيمەن.
2011-07-19 10:09:31 4#
تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن!
2011-07-18 13:58:38 5#
بەك ياخشى چىقىپتۇ ، يەنىمۇ تىرىشىڭ .
2011-07-18 10:02:07 6#
render ياخشى بوپتۇ. چىراقنى خېلى ياخشى ئىشلىتىدىكەنسىز …