Ps نىڭ ھۆججەت فورماتلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە(1)
Adobe Photoshop كۆپ خىل ھۆججەت فورماتلىرىنى قوللايدىغان بولۇپ، قوللايدىغان ئاساسلىق ھۆججەت فورماتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:
Adobe Photoshopفورماتى(*.PSD)
بۇ Adobe Photoshop نىڭ مەخسۇس ھۆججەت فورماتى بولۇپلا قالماي،Photoshop نىڭ بارلىق ئالاھىدە ھۆججەت ئۇچۇرلىرى(رەڭ تاختىسى،رەڭ قەۋىتى،پايدىلنىش سىزىقى قاتارلىقلار) ۋە بارلىق رەڭ شەكىللىرىنى ساقلايدىغان فورمات. ئەگەر ھۆججەتتىكى رەڭ قەۋىتى ئۇچۇرلىرىنى ساقلىماقچى بولساق چوقۇم PSD فورماتتا ساقلىشىمىز لازىم . PSD فورماتتىكى ھۆججەت باشقا فورماتتا ساقلانسا،بارلىق رەسىم قەۋەتلىرى بىرلىشىپ،بىر رەسىم قەۋىتى بولۇپ كېتىدۇ.
BMP فورماتى( *.BMP)
BMP فورماتى –Windows Micro softنىڭ ئۆلچەملىك سۈرەت شەكلى بولۇپ،1~32بىتقىچە چوڭقۇرلۇقنى قوللاش بىلەن بىرگە، Windows ۋەOS/2 ئىككى خىل ھۆججەت فورماتىنى تاللىغىلى بولىدۇ.
GIF فورماتى( *.GIF)
GIF( Graphics Interchange)- بىرخىل رەڭ تاختىسى پرېسلىنىش ئارقىلق شەكىل (گرافىك) ئالماشتۇرىدىغان ھۆججەت فورماتى بولۇپ،بۇ خىل فورماتتىكى ھۆججەت توردايوللاش (ئۇزۇتۇش) قا ئىشلىتىلگەندە،سۈرئىتى نىسبەتەن تىز بولغانلىقتىن تور بەت لايىھىلەشتە كەڭ قوللىنىلىدۇ.
GIF فورماتى ئەڭ كۆپ بولغاندا پەقەت 256 خىل رەڭنى قوللايدىغان ياكى رەڭ سانى ئەڭ تۆۋەن گرافىك ھۆججىتى . ئۇنىڭدا رەڭسىز شەكىل،كۈل رەڭلىك دەرىجىسى ۋە ئىندىكىسلانغان رەڭ شەكىلىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا ئارقا كۆرنىشى سۈزۈك بولغان سۈرەتلەرنى تەييارلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. ھەركەتلىك رەسىم ھۆججىتىگە تەۋە شەكلىمۇ بار.
JPEG فورماتى( *.JPG)
Joint Photographic Experts Grup تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئوتتۇرغا چىقارغان ھۆججەت، ھەمدە تور بەت لايىھىلەشتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ھۆججەت فورماتى،ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى يۇقىرى نىسبەتتە پرېسلاش بولۇپ،نۆۋەتتىكى بارلىق ھۆججەت فورماتلىرىنىڭ ئىچىدە پرېسلاش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى فورمات،بىراق JPEG فورماتىنىڭ پرېسلاش شەكلى بۇزۇلۇش خارەكتىردىكى پرېسلاش بولۇپ،ئىشلەتكەندە چوقۇم ئالاھىدە دىققە قىلىش كېرەك.
(داۋامى بار)
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش