ئاماننىساخان ھەيكىلى __ يەكەن مەدەنىيەت باغچىسىدا. 1992-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى يەكەندە ئېچىلغان «2مەملىكەتلىك-نۆۋەتلىك مۇقام ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى» مۇناسىۋىتى بىلەن «ئاماننىساخان قەبرىگاھى» بىلەن بىرلىكتە ياسالغان. شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىش باشلىنىپ 8-ئاينىڭ 14- كۈنى تاماملانغان.
شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دىلمۇرات تۇردى ياسىغان (يەكەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن ئەسقەر تۇردى ھەمكارلاشقان)
ھازىر يەكەن ناھىيسىدە ئامانىساخان ھەيكىلىدىن يۇقاردا دەپ ئۆتكەن مەدەنىيەت باغچىسىدىكىدىن باشقا يەنە 12مۇقام مەيدانىدا بىرسى (2007-يىلى ياسالغان )،يەكەنگە كېرىش ئېغىزى(خانئېرىق ئاچال) دا بىرسى بولۇپ،جەمئىي 3 ھەيكەل بار.
بۇلاردىن 12 مۇقام مەيدانىدىكى ئاماننىساخان ھەيكىلى بىلەن مەدەنىيەت باغچىسىدىكى ئاماننىساخان ھەيكىلىنىڭ شەكلى ئوخشايدۇ، خانئېرىق ئاچالدىكى ئاماننىساخان ھەيكىلىنىڭ شەكلى يۇقارقى ئىككى ھەيكەلگە ئوخشىمايدۇ. بۇنى رەسسام،ھەيكەلتاراچ ئەبەيدۇللا مۇھەممەد ياسىغان.
ئاماننىساخان ھەيكىلىنىڭ ياسىلىش سەۋەبى،جەريانى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ خىزمەتكە بىۋاستە مەسئۇل بولغان يەكەن ناھىيلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ سابىق باشلىقى،پىنسىيونىرى ئابدىقادىر داۋۇت ئاكا بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ باردىم. مۇشۇ تېما مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يازمىنى قىممەتلىك ئاغزاكى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن ئابدىقادىر داۋۇت ئاكىغا ، بۇ جەھەتتە قىزغىن ياردەمدە بولغان يەكەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن مۇختەر جۈمە ئاكىغا ۋە دوستۇم ، كەسىپدىشىم مۇرات جۈمەگە چوڭقۇر رەھمەت ئىيتىمەن.
ئاماننىساخان ھەيكىلىنىڭ ياسىلىش سەۋەبى،جەريانى توغرىسىدا تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز ئابدىقادىر داۋۇت ئاكا بىلەن بولغان سۆھبەت مەزمۇنىنى ئاڭلاپ باققايسىز.
ئەسكەرتىش : ھەيكەلتاراچ دىلمۇرات تۇردىنى بلوگنىڭ ئۇستازلىرىمىز سەھىپىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يازمىلىرىدا تونۇشتۇرۇلىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ يازمىدا تۇنۇشتۇرۇلمىدى.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش