ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ خەۋىرى: شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ماي بوياق ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، پەيزىۋات ناھىيە يېڭىمەھەللە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گۈزەل– سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى ئەخمەتجان ھۆسۈيۈننىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىغىنىڭ 64 يىللىغىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنى قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتى كۆرگەزمە زالىدا داغدۇغلىق باشلاندى.
قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيىتى، پەيزىۋات ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار تەشكىللىگەن ، بىر قىسىم شىركەت– كارخانىلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيىتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەتتاتلارنىڭ جەمئىيىتىنىڭ ۋە پەيزىۋات ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بىر قىسىم رەسسام، خەتتاتلار، يازغۇچىلار، ئاپتۇرنىڭ دوستلىرى، ساۋاقداشلىرى، كەسىپداشلىرى، ئۇرۇق – تۇققانلىرى ۋە ھەر مىللەت ئامما بولۇپ 400 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى بىر قىسىم ئىدارە– جەمئىىيەت، مەكتەپلەر، ئاپتورنىڭ ئۇرۇق– تۇققانلىرى، دوستلىرى، كەسىپداشلىرى شۇنداقلا ئالى مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرى گۈل، جازا ۋە خاتىرە بويۇملارنى سوۋغا قىلىپ، كۆرگەزمىنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى تەبرىكلەشتى.
رەسسام ئەخمەتجان ھۆسۈيۈن 1987 – يىلى يوپۇرغا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 2002 – يىلى 9 – ئايدىن 2005 – يىلى 7 – ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىۋىنىڭ گۈزەل – سەنئەت كەسپىدە ئوقۇغان. 2005 – يىلدىن 2007 – يىلغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتىتى گۈزەل – سەنئەت كافىدىراسىدا ئوقۇغان. 2012 – يىلدىن 2013 – يىلغىچە بىر يىل داڭلىق رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىردىن ماي بوياق ئىجادىيىتى ئالى تەتقىقات سىنىپىدا بىلىم ئاشۇرغان. ئاپتورنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى « شىنجاڭ مائارىپى»، « شىنجاڭ سەنئىتى» قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى 2013 – يىلى 7 – ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئۇسۇل بايرىمى ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلغان.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە ئۇنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ ئېجاد قىلغان، ۋەتەننى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، گۈزەل يۇرتىنىڭ تاغ-دەريالىرىنى مەدھىيەلەش ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ ئىجاد قىلغان 50 پارچىغا يېقىن ماي بوياق ئەسىرى قويۇلغان بولۇپ، كۆرگەزمە ئەھلىنىڭ ۋە كەسىپداشلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.
2013-10-13 05:42:31 گىلەم
ئەپسۇس مەن ۋاقتىدا ئاڭلىيالماي قاپتىمەن،ھازىر ئاللىقاچان ئاخىرلىشىپ بولغاندۇ؟
2013-10-14 07:21:55
10- ئاينىڭ 2- كۈنى كۆرگەزمىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئىدى، راست، كىچىكىپ خەۋەر تېپىپ قاپسىز.
2013-09-26 15:16:57 كىگىز
ئىنىمىز ئەخمەتجاننىڭ كۆرگەزمىسىگە مۇۋاپپەقىيەت تىلەيمىز