2013- يىلى 3- ئاينىڭ 30 -كۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ 5- نۆۋەتلىك بادام چېچەك بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى ئىچى ۋە سىرتىدىكى مېھمانلار ۋە تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىر – فوتوگرافلىرى ئىشتىراك قىلدى. بۇ كۈنى مەنمۇ ھەم خىزمەتداشلىرىم بىلەن بادام چېچەك بايرىمىدىكى مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىي- سەنئەت نۇمۇرلىرى ۋە پائالىيەتلەرنى كۆرۈش بىلەن بىرگە ھۈپپىدە ئېچىلغان بادام چېچەكلىرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندىم.
تۆۋەندىكى سۈرەتلەر شۇ كۈنلۈك پائالىيەت جەريانىدا تارتىلغان بولۇپ، ئۆزۈم تاللاپ بۇ بىر يۈرۈش سۈرەتلەرنى كەڭ كەسىپداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.
مەنزىرە نۇقتىسى: يەكەن ناھىيە ئارال يېزىسى
ئىشلەتكەن ئاپپارات: canon sx130is
سۈرەت تارتىلغان ۋاقىت: 2013- يىلى 3- ئاينىڭ 30 -كۈنى
2013-04-02 15:52:54 گىلەم
ھەر يىلى مۇشۇنداق پەيتتە بىر بارارمەن دەيمەن، ئەمما ھۆكۈمەت ئىشى شەنبە، يەكشەنبە دىمىگەچكە، ھەر يىلى نىسىپ بولمىدىغۇ. بارغان بولسام دۇقۇرشۇپ يۈرەركەنمىز بىلىشمەستىن.
2013-04-03 03:20:27
بولسا بىر كەلسىلىرى، ئاشۇنداق دوقۇرشۇپ قىلىپ، يۈز كۆرۈشۈپمۇ قالارئىدۇق.
خۇددى مۇشۇ كۈنى«سەھرالىق» بىلەن تاسادىبىي ئۇچرۇشۇپ قالغاندەك.
2013-04-04 15:27:58
مېنىڭ رەسىمىم قەنە؟ يا ئۇ كۈنى ئىككىمىز رەسىمگە چۈشمىدۇقمۇ يا؟
2013-04-05 05:29:57
مۇڭداش تۈگىمەي، رەسىمگە چۈشمىگەن ئوخشىمامدۇق؟
2013-04-02 06:07:10 كىگىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم قەدىرلىك دوستوم ، رەسىملىرىڭلىدىن شۇنداق بىر گۇزەللىك ئىچىدە ياۋاۋاتقاندەك ھىس قىلدىم ، ماڭا بەك ياقتى ، بەك چىرايلىق تارتىلىپتۇ. ئۇمۇدۇم بىزنىڭ رەھبەرلەرنىڭ قەلبىمۇ شۇنداق پاك ، گۇزەل بولغان بولسا ئىدى ھە !!!
2013-04-03 03:17:27
رەھمەت، دوستۇم.
2013-04-01 04:27:17 3#
يېقىندا نىكون د5100تىپلىق كامىرادىن بىرنى ئالدىم، ھاۋا ياخشى بولغان كۈنى مەنمۇ رەسىمگە تارتىپ ئوينىمىسام!
2013-04-01 06:10:31
سىلە تارتسىلا ھەقاچان، بىز كۆرمىگەن يەرلەرنى سۈرەتكە تارتىلا، تارتقان سۈرەتلەرنى يوللاپ قويسىلىرى، بىزمۇ كۆرىۋالارمىز كۆرمىگەن جايلارنى شۇ باھانىدە.
2013-04-01 03:33:34 4#
يۇرتنىڭ بۇغدايلىقلىرىنى ئەسلەپ قالدىم… 8 يىل بوپتۇ مۇشۇ مەنزىرىنى كۆرمىگىنى…
2013-04-01 06:12:48
سەككىز كۈنمۇ، سەككىز ئايمۇ؟ ما بولماپتۇ دەيمە.
يوقلاپ تۇرسىلا، يۇرت- مەھەللىنى، ئۇرۇق- تۇققانلارنى
2013-04-01 03:18:20 5#
يەركەننىڭ مۇشۇنداق يىرى ياخشى
2013-04-01 06:14:33
شۇنداق ياخشى يەرنى تاشلاپ كەتلە ئەمەسما؟
2013-04-01 01:44:22 6#
پەك پەيزى چىقىپتۇ، يۇرتىمىزنىڭ ياركەند ناھىيەسى نەقەدەر گۈزەل-ھە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاللاھ خالىسا، مۇشۇ جەننەت كەبىي جاينى ئۆز كۆز بىلەن كۆرسەك
2013-04-01 06:13:54
قەدەم تەشرىپ قىلسىلىرى، قولىمىز كۆكسىمىزدە.