2011- يىلى 9- ئاينىڭ 9- كۈنى يەكەن ناھىيلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا يەكەن ناھىيە ئىشقول يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇلېتىپ ئىسلامنىڭ «گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىنى يەكەن ناھىيلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يەكەن ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسى، يەكەن ناھىيلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ئىدارىسى، يەكەن ناھىيلىك مەدەنىيەت يۇرتى، ئىشقول يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئىشقول يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق ئورۇنلار تەشكىللىگەن بولۇپ، كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ناھىيلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلار بىرلەشمىسى، مائارىپ ئىدارىسى، مەدەنىيەت سىستىمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر، ناھىيە تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ، بالىلار باغچىلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، كەسىپداشلار، ئاپتۇرنىڭ خىزمەتداشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرى بولۇپ، 200 گە يىقىن ئادەم قاتناشتى.
بۇ قېتىملىق كۆرگەزمە 9- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 17- كۈنىگىچە ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ، كۆرگەزمىگە ياش رەسسام ئابدۇلېتىپ ئىسلامنىڭ ماي بوياق، قاپاق سەنئىتى، كومپيۇتېر گۈزەل سەنئىتى قاتارلىق تۈرلەردىن تەييارلانغان 53 پارچە گۈزەل سەنئەت ئەسىرى قويۇلۇپ، كەڭ كۆرگەزمە كۆرگۈچىلەرگە ئۆزگىچە ئىستېتىك زوق بېغىشلىدى.
2012-05-01 10:58:57 گىلەم
مەن سىلىنى كىچكىپ بايقاپتىمەن بۇنىڭدىن كىيىن ئورتاق ھەمكالىشايلى ئاتەش ئۈچۈن
2011-12-10 14:11:34 كىگىز
恭喜你
2011-12-05 12:02:34 3#
مۇبارەك بولسۇن، كونا ساۋاقدىشىمدىن بەكمۇ پەخىرلەندىم، ساۋاقدىشىمنىڭ كىچىكىدىنلا بۇ جەھەتتە تالانتى بار ئىدى .
خەۋەرسىز قاپتۇق، لىكىن كىيىنكى قىتىم بىزلەرنىمۇ چاقىرىشنى ئۇنتۇپ قالما…
2011-12-05 14:19:40
ياخشى تىلەكلىرىڭگە رەھمەت، خۇدايىم بۇيرۇسا كېلەر قېتىملىق كۆرگەزمىدە چوقۇم خەۋەر قىلىمەن.
2011-09-27 08:11:36 4#
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،مۇبارەك بولسۇن!!! ئەسلى ئىككىمىز يۇرىتداش ئىكەنمىزغۇ،مىنىڭ بۇ كۆرگەزمىدىن پەقەتلا خەۋىرىم يوقكەن،بولمىسا بىرىپ قاتنىشاتتىم يەكەندە بولغاندىكىن.
2011-09-28 13:39:27
بىرگە بولسۇن، ۋاقىت زىچ بولۇپ قىلىپ، تورداش دوستلارغا خەۋەر قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالدىم، خىجىلمەن.
2011-09-27 04:23:20 5#
مۇبارەك بولسۇن
2011-09-28 13:38:00
بىرگە بولسۇن.
2011-09-21 14:40:00 6#
قۇتلۇق بولسۇن قېرىندىشىم. بۇ ھاياتىڭىزدىكى بېسىلغان مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلانسا كېرەك! زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىڭىزگە تىلەكداشمەن!
2011-09-24 16:02:10
مەن كۆرگەزمە ئېچىشنىڭ ئىجدىمائىي تەسىرىنى بەك ئاددى چاغلاپتىكەنمەن، سىز دېگەندەك مۇشۇ قېتىملىق كۆرگەزمە بەلكىم ھاياتىمدىكى مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
بۇ قېتىملىق كۆرگەزمە ئارقىلىق ئەڭ مۇھىمى نۇرغۇن كەسىپداشلار ۋە ئۇستازلار بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولدۇم، بەزىبىر تەجىرىبىلەرگە ئىگە بولدۇم دەپ ئويلايمەن.
رەھمەت.
2011-09-19 13:04:55 7#
مۇبارەك بولسۇن…تەبرىكلەيمەن. ئۈزۇمنىڭ نەق مەيداندا بولمىغنىمدىن ئەپسۇسلاندىم..كىيىنكى ئىجادىيەتلەرگىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن.
2011-09-24 15:59:12
بولسا قاتنىشالىغان بولسىلىرى بەك ياخشى بولاتتى، كېيىنكى قېتىملىق كۆرگەزمىگە قاتنىشالا، رەھمەت.
2011-09-16 15:44:34 8#
قۇتلۇق بولسۇن ئاتەش، بۇندىن كىيېنكى باسقان يولىڭز تېخىمۇ ئوچۇق بولغاي!!!
2011-09-14 00:56:11 9#
مۇبارەك بولسۇن ، ئىشلىىرىڭنىڭ تىخىمۇ ئۇتۇغلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن .
2011-09-14 14:30:04
رەھمەت، بىرگە بولسۇن.
2011-09-13 19:07:05 10#
مۇبارەك بولسۇن ، كومپىيۇتېر گرافىك ئەسەرلىرىمۇ ئاز ئەمەستەك قىلىدۇ !
ئەسەرلەرنى تورغا يوللاپ مايەدىمۇ كۆرگەزمە ئىچىپ قويۇڭلا . بىزدەك بارالمىغانلار جىق .
2011-09-14 14:29:02
يېڭى ئەسەرلەر كۆپمۇ ئەمەس، مەن كۆرگەزمىدىكى ئەسەرلەرنى تەييارلاپ، ئايرىم بىر تېما قىلىپ، يوللاپ قوياي.
2011-09-13 17:00:59 11#
مۇبارەك بولسۇن !!! كۆرگەزمىڭىزنىڭ ياخشى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى چىن دىلىمدىن قۇتلۇقلايمەن . بولسا مۇشۇنداق كۆرگەزمىلەرنى كۆپىرەك ئۆتكۈزۈپ ، گۈزەل – سەنئەت ساھەسىدە تېخىمۇ راۋاج تېپىپ يېڭى يىتىلۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى يىىتۈشتۈرۈپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن . كۆرگەزمە ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىتتا بىزگىمۇ خەۋەر قىلىشنى ئۇنتۇلۇپ قالماڭ … گەرچە ئارلىق يىراق بارالمىغان تەغدىردىمۇ ھېچ بولمىغاندا تەبرىكلەش سۆزلىرىنىمۇ تەغدىم ئەتكەن بولسام ياخشى بۇلاتتىكەن . كىچىكىپ قالغان بولساممۇ كۆرگەزمىڭىزنىڭ ئۇڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى چىن دىلىمدىن قۇتلۇقلايمەن .
خۇشنۇت
2011-09-14 14:27:51
ئەسلى خەۋەر قىلىمەن دەپ ئويلىغان، لىكىن كۆرگەزمىگە بىر نەچچە كۈن قالغاندا بەك جىددىيلىشىپ قىلىپ، خەۋەر قىلالماي قالدىم، ئۆزرىلىكمەن.
2011-09-13 16:49:16 12#
مۇبارەك بولسۇن!
2011-09-14 14:25:54
رەھمەت.