2011-يىلى6-ئاينىڭ 14-كۈنى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە فاكولتىتى 2006-يىللىق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مەھمۇدجان مۇھەممەد «ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلدى،بۇ كۈندىكى كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا مەكتەپ ۋە فىلولوگىيە فاكولتىتىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى، ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيتى، خەتتاتلار جەمئىيتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى، ۋىلايىتىمىزدىكى بىر قىسىم رەسسام، خەتتاتلار ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 600 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
مەھمۇدجان مۇھەممەد مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغاندىن بۇيان، ئۆز كەسپىنى بېرىلىپ ئۈگىنىپ تەتقىق قىلىغاندىن باشقا، دەرىستىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا ھۆسنىخەت يېزش ۋە ئىجاد قىلىشقا زور كۈچ سەرىپ قىلىپ، داڭلىق خەتتات قۇربانجان روزى شەيدائىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۆپ خىل ھۆسنىخەت يېزىش شەكلىنى پىششىق ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايىتىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن ھۆسنىخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىلىرىگە قاتناشتۇرۇپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئۇ بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىپ يېزىپ توپلاپ چىققان 200 پارچىغا يېقىن ھۆسنىخەت ئەسەرلىرىدىن ئاپتونوم رايۇن ۋە ۋىلايىتىمىزدىكى بىر قىسىم داڭلىق شائىر، يازغۇچىلارنىڭ « ۋەتەن»، «چۈنكى مەن ئادەم»، «ئىز» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ھۆسنىخەت شەكلىدە يېزىپ چىققان 70 پارچە ئەسەرنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇردى. مەھمۇدجان بۇ كۈنى يەنە نەق مەيداندا ھۆسنىخەت يېزىپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرشتى.
ئىگىلىنىشىچە، مەھمۇتجان مۇھەممەتنىڭ بىر تۈركۈم ھۆسنىخەت ئەسەرلىرى ئىچىدە بىر پارچە ئەسىرى 2010-يىلى ئاپتونۇم رايۇن بويىچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى لۇڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، ۋىلايەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش خەتتاتلىق كۆرگەزمىسىدە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
مەھمۇدجان مۇھەممەت ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى
shawqun:
تەخەللىسۇم : شاۋقۇن . جىمجىتلىقنى تازا خالاپ كەتمەيمەن، شاۋقۇن سۇرەن ئىچىدە دىىققىتىمنى يىغالىغىنىمدىن بولسا كىرەك . قېزىقىشىم : كومپىيۇتېر ، خەتتاتلىق ،لايىھەلەش ،پۇتبول .ئەڭ ياقتۇردىغان سۆز-ھىچكىمنى بوش چاغلىماڭ!
كوت كوت نۇمۇرۇم : 1511919501
ئالدىنقى يازما: Kris Kuksi ھەيكەلتاراچلىق ئەسەرلىرى(2)
كىيىنكى يازما: مەھمۇد نەسىرۇللا «ئۈچ ئۆلچەم» لايىھەلىرى
2013-07-27 07:11:55 گىلەم
قەغەز يۇزدىكى خەتنى كومپيوتېرغا ئەكىرشنىڭ قانداق ئۇسۇللىرى بار ؟ ياردەم قىلساڭلار ، قايسى خىل دىتال بىلەن تەھرىرلەيمىز ؟
2013-07-29 03:30:03
قەغەز يۈزىدىكى خەتنى سۈرەت ھالەتتە كومپيۇتېرغا ئېلىپ كىرىشتە سكاننېر (ساۋمىياۋيى) ياكى رەقەملىك فوتو ئاپپاراتتىن پايدىلىنىمىز، تەھرىرلەشتە photoshop قاتارلىق سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش دېتاللىرىنى ئىشلەتسەك بولىدۇ. ئەگەر قەغەزدىكى خەتنى تىكىست شەكىلىگە ئايلاندۇرۇپ، word قاتارلىق يېزىق تەھرىرلەش دېتاللىرىدا بىۋاستە ئىشلەتمەكچى بولساق، بۇنىڭغا مەخسۇس يېزىق تونۇتىدىغان دېتاللارنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
بەيدۇ، گوگىل قاتارلىق ئىزدەش بەتلىرىدىن 图片转换文字 دېگەندەك ئاچقۇچلۇق سۆزلەر ئارقىلىق ئىزدەپ كۆرسىڭىز، مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دېتاللارنى تاپالىشىڭىز مۇمكىن.
2011-09-12 14:35:57 كىگىز
Just a list of creatures Pandaranol has allowed to live
2011-09-03 05:41:20 3#
You’re the greastet! JMHO
2011-07-12 06:51:40 4#
دىۋانى خەت ئەسەرلىرى ھەقىقەتەن ئېسىل يىزىلىپتۇ…ياخشى ئەسەرلەركەن!!
2011-07-02 21:33:57 5#
بولۇپمۇ ئەڭ ئاستى ئوڭ تەرەپتىكى ھۆسىنخەت نۇسخىلىرىنى بەكلا ياقتۇردۇم .
2011-07-02 21:31:50 6#
ئىسىل يىزىپتۇ . ئەركىنلىك ، يىڭىلىق باردەك ھىس قىلدىم .