2013- يىلى 11- ئاينىڭ 3- كۈنى (يەكشەنبە) چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى يىغىن زالىدا 2- نۆۋەتلىك ئاسپىرانت قىزلار «ئۆزتۈرۈك مۇكاپاتى » تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىن مىللەت سۆيەر ياشلاردىن تەركىب تاپقان ئۆزتۈرۈك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئويۇشتۇرغان مەخسۇس ئاسپىرانت ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇشلاردا ئوقۇۋاتقان، ئوقۇش جەريانىدا ئوقۇش نەتىجىسى ئالاھىدە كۆزگە كۆرنەرلىك بولغان قىز ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بىرىش ۋە قوللاش يۈزىسدىن ئېلىپ بېرىلغان ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنى بولۇپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق پائالىيتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يىغىنغا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى يۈسۈپ ئەيسا، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى خەلچەم ئىسلام ، ئۆزتۈرۈك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرىكتورى ئابدۇلئەزىر ئابدۇقادىر، مۇكاپاتقا ئىرىشكەن قىز ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرى، شىركەتنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى، سىرتتىن تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ۋە ھەر ساھە كىشىلىرىدىن 300 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
يىغىن شىنجاڭ تىلىۋېزىيە ئىستانسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىلىرىدىن شەمسىيە ئەبەيدۇللا ۋە جۇشقۇن جۈمە قاتارلىقلارنىڭ يۇقىرى ماھارەت بىلەن رىياسەتچىلىك قىلىشى بىلەن ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى.
يىغىندا دۆلىتىمىز ۋە چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان 70 نەچچە نەپەر ئاسپىرانت ۋە دوكتۇر قىز ئوقۇغۇچىلاردىن نەتىجىسى ئالاھىدە كۆرنەرلىك بولغا 14 نەپەر قىز ئوقۇغۇچى 5000 يۈەندىن ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشتى ھەمدە يىغىندا مۇكاپاتلانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە مۇكاپات بويۇمى تارقىتىپ بەردى. بۇنىڭدىن باشقا مۇنەۋۋەر ئاسپىرانت ۋە مۇنەۋۋەر ئاسپىرانت خانىم قىزلار، ئانىلار مۇكاپاتلاندى.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش