ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورىغا كىرگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز! نەزىرىڭىز سەرخىل يازمىلاردا بولسۇن!

قۇربانتاي تۇرسۇن ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلمەكچى

2013-11-05 03:51 ئاپتور: مەنبە: ئىجادى كۆرۈلۈشى: 851 قېتىم ئىنكاس يازىمەن(2پارچە) خەت رازمىرى: چوڭ نۇرمال كىچىك

 

 قۇربانتاي تۇرسۇن. ئۇيغۇر. 1978-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى غۇلجا شەھەرنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. 1985-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە غۇلجا شەھەر ئايخان ئانا باشلانغۇچ مەكتىپىدە، 1990-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ رەسىم كەسپى سىنىپىدا ئوقۇغان. 1995-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستېتۇتى رەسىم فاكۇلتېتىدا رەسىم مائارىپى كەسىپىدە تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن ۋە سەنئەت باكلاۋېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2001-يىلى ئىلى 2 – دارىلمۇئەللىمىنگە گۈزەل – سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ تەقسىملەنگەن. 2001-يىلى غۇلجا شەھىرىدە «قۇربانتاي تۇرسۇن ماي بوياق ئىجادىيەت رەسىم كۆرگەزمىسى» نى ئۆتكۈزگەن. 2003-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە شىئەن چەتئەل تىل ئىنىستېتۇتىدا ئوقۇغان. 2007-يىلىدىن2011 يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل – سەنئەت ئىنىستېتۇتىنىڭ ماي بوياق كەسپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، ماگىستېر ئاسپىرانت ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2011-يىلىدىن ھازىرغىچە ئىلى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە گۈزەل – سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى ۋە رەسىم كافېدىراسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ھازىرغا كەلگىچە 40 تىن ئارتۇق ماي بوياق ئىجادىيەت ئەسەرلىرى ۋە بەزى ماقالىلىرى «جۇڭگو مىللەتلەر گىزىتى»، «گۈزەل-سەنئەتكە نەزەر»، «شىنجاڭ سەنئىتى»، «شىنجاڭ رەسىملىك ژۇرنىلى»«شىنجاڭ گۈزەل-سەنئىتى گېزىتى » «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئىلى گېزىتى»، «ئىلى كەچلىك گېزىتى» ۋە شۇنداقلا كۆپلىگەن «رەسىملىك توپلام» لاردا ئېلان قىلىنغان ۋە بېسىلغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ماي بوياق رەسىم جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ تەكلىپلىك رەسسامى. ئىلى ئوبلاستلىق رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.

 ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن:

 «ئىشىك ئالدىدا»، 2001-يىلى شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان گۈزەل – سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىگە تاللانغان. «تاغ باغرى»، 2003-يىلى يولداش ماۋزىدۇڭنىڭ «يەنئەن ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق» نىڭ 60 يىللىق خاتىرە مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەل – سەنئەت كۆرگەزمىسىدە «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «سەھرانىڭ قىش مەنزىرىسى»، 2004-يىلى شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيەسىنىڭ ماي بوياق كۆرگەزمىسىگە تاللانغان. بۇ ئەسەر باشقىلار تەرىپىدىن ساقلىنىشقا ئېلىپ قېلىنغان. «كونا كان»، 2005-يىلى شىنجاڭ 2-نۆۋەتلىك ماي بوياق رەسىملەر كۆرگەزمىسىدە «تەتقىقات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. بۇ ئەسەر كۆرگەزمە تەرىپىدىن ساقلىنىشقا ئېلىپ قېلىنغان. «تاغلىق يىزا»، 2005-يىلى شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «باھارنى كۈتىۋېلىش» گۈزەل-سەنئەت كۆرگەزمىسىدە «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «ئەسلىمە»، «خاڭ يولى»، 2006-يىلى «تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ھازىرقى زامان ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى» گە تاللىنىپ قويۇلغان. «سېغىنىش»، 2007-يىلى شىنجاڭ مەدەنىيەت نازارىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەل – سەنئەت كۆرگەزمىسىدە «مىس مىدال مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. «كۆچۈش»، 2008-يىلى مەملىكەتلىك 2-نۆۋەتلىك «دەۋر روھى» ماي بوياق كۆرگەزمىسىگە تاللانغان. بۇ ئەسەر كۆرگەزمە تەرىپىدىن ساقلىنىشقا ئېلىپ قېلىنغان. «كۆچۈش» تېمىسىدىكى2- ئەسەر، 2009-يىلى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش» مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەل – سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە تاللانغان. «يۇرت»، «كونا ماكان» قاتارلىق ماي بوياق ئەسەرلىرى 2009-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىيجىڭدا ئېچىلغان گۈزەل – سەنئەت كۆرگەزمىسىگە تاللىنىپ قويۇلغان ۋە ئايرىم – ئايرىم ھالدا «كۈمۈش» مېدال مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. «ئاسمان ئېگىز، يەر قاتتىق» ماي بوياق ئەسەر 2011-يىلى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل – سەنئەت ئىنىستېتۇتىنىڭ 2011-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانت ئوقۇش پۈتتۈرۈش كۆرگەزمىسىدە «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ ئەسەر مەكتەپ تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك ساقلىنىشقا ئېلىپ قېلىنغان. «چارۋىچىلار» ماي بوياق ئەسەر 2011-يىلى شىنجاڭ ماي بوياق رەسىم ــ ھازىرقى زامان ماي بوياق رەسىم سەنئىتى كۆرگەزمىسىدە «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ ئەسەر شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستېتۇتى تەرىپىدىن ساقلىنىشقا ئېلىپ قېلىنغان.«چارۋىچىلار» ماي بوياق ئەسەر 2012-يىلى شىنجاڭ خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن جوڭگو مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان جۇڭگو گۈزەل-سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن«شىنجاڭ ياخشى»شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت كۆرگەزمىسىگە تاللىنىپ قويۇلغان .«خوراز سوقۇشتۇرۇش» ماي بوياق ئەسەر 2012-يىلى ئىلىغا سەپەر ــ ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ، شىنجاڭ گۈزەل- سەنئەت كۆرگەزمىسدە«ئالتۇن»مىدال مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇنداقلا ساقلىنىشقا ئېلىپ قېلىنغان. «يىغىلىپ كۆرۈش» ماي بوياق ئەسەر2013-يىلى شىنجاڭ خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن جوڭگو مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارالىق ئۇسسۇل بايرىمى ئالغا مېڭىش ـــــ شىنجاڭ ماي بوياق ئەسەرلىرى تەتقىقات كۆرگەزمىسىگە تاللىنىپ، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «قىزىل ئۆي» ماي بوياق ئەسەر 2013-يىلى چۆچەككە سەپەر ــ ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ، شىنجاڭ گۈزەل- سەنئەت كۆرگەزمىسدە «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇنداقلا ساقلىنىشقا ئېلىپ قېلىنغان.

 بارلىق كەسىپداش،ھەۋەسكارلارنىڭ  كۆگەزمىگە قاتنىشىشنى  تەكلىپ قىلىمىز!

shawqun:
تەخەللىسۇم : شاۋقۇن . جىمجىتلىقنى تازا خالاپ كەتمەيمەن، شاۋقۇن سۇرەن ئىچىدە دىىققىتىمنى يىغالىغىنىمدىن بولسا كىرەك . قېزىقىشىم : كومپىيۇتېر ، خەتتاتلىق ،لايىھەلەش ،پۇتبول .ئەڭ ياقتۇردىغان سۆز-ھىچكىمنى بوش چاغلىماڭ! كوت كوت نۇمۇرۇم : 1511919501

تورداشلار ئىنكاسلىرىھازىر2پارچە ئىنكاس چۅشۅپ بولدى, مەنمۇ يوللايمەن

  1. پالگان
    2013-11-11 04:07:25 گىلەم

    مۇۋاپىقىيەتلىك بۇلغاي.

  2. خۇشنۇت
    2013-11-05 04:32:22 كىگىز

    رەھمەت سىزگە .

ئىنكاس يوللاش

*

* (مەخپى)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif

Ctrl+Enter تىز ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەزا كىرىشتاقاش

ئەستە ساقلا پارولنى ئۇنتۇپتىمەن

ئەزا بولۇشتاقاش

小提示: 您的密码会通过填写的"电子邮箱"发送给您.