ئەلى مامۇت – قارلۇق مېدىيا پەن – تېخنىكا شىركىتىنىڭ كومپيۇتېر گرافىكى باش تېخنىكا دېرىكتورى ۋە شىركەتنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى.
ئۇ 1985 – يىلى ئاتۇشتا 1985-يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 2003-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتى فىزىمات ئۇچۇر فاكۇلتىتى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان ، 2004 –يىلى ئۆزىنىڭ گۈزەل سەنئەت ئىقتىدارى ۋە قىزىقىشى بىلەن كومپيۇتېر گرافىك ساھەسىگە كىرگەن .
2006-يىلى « قارلۇق مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى» دە خىزمەت قىلىشنى قارار قىلىپ كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان. 2007-يىلى شىركەتنىڭ تەرققىيات پىلانى بويىچە بېيجىڭغا تەربىيلىنىشكە ئەۋەتىلگەن. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شىركەتتە ئۈچ ئۆلچەملىك گرافىك ئوبراز لايىھەسى ۋە رەقەملىك سەنئەت خىزمىتىنى ئىشلىگەن ، 2007-يىلى ئاۋغۇستتىن 2008-يىلى ئاۋغۇستقىچە « قارلۇق كومپيۇتېر گرافىك سەنئىتى ۋە ئۇنۋېرسال تېخنىكىسى» ئىچكى تەربىيلەش سىنىپدا تەبىيلەنگەن ھەم شۇ سىنىپنىڭ رەقەملىك سەنئەت ۋە ئۈچ ئۆلچەملىك كومپيۇتېر گرافىكى ئورگانىك مودىل دەرسىنى بەرگەن.
2008-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۈچ ئۆلچەملىك تەقلىدلەش ۋە ئانالىزلاش ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنتېرەكتىۋ يۇمشاق دېتال تۈرلىرىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە تەۋە قۇرۇلۇش ئىمارەتلەر ، قول- ھۈنەر بويۇملىرى ، چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك گرافىك ساندان ئامبىرى قۇرۇلىشى«ئۇيغۇر مەدەنىيتى» بۆلىكىنى باش بولۇپ ئىشلىگەن.
2009-يىلى 4-ئايدا ئۈچ ئۆلچەملىك تەقلىدىي ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىنتېرەكتىۋ سىستېمىسىنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك كومپيۇتېر گرافىك بۆلىكىنى ئىشلىگەن ،ھەم ئۇنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك سىتېرىئولۇق كۆرنۈش تېخنىكىسى (Anaglyphs Technology ) نى ئەمەلگە ئاشۇرغان.
ئەسكەرتىش: مۇناسىۋەتلىك سۈرەت ۋە تەرجىمھال «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلى» نىڭ 2009-يىلى 6-سانىدىن ئېلىندى.
بىر قىسىم ئەسەرلىرى:
قوشۇمچە : 2D ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى ئۇقۇم لايىھەسىنى ئەسقەر تۇردى سىزغان
2009-يىلنىڭ بېشىدا « قارلۇق مېدىيا پەن – تېخنىكا شىركىتى » نىڭ « گرافىك تۈلىرى تېخنىكا ۋە سۈپەت ئۆلچىمى قوللانمىسى» نى تۈزۈش خىزمىتىنى ئىشلىگەن. 2009-يىلى تېخنىكا سىناق فىلىمىدىن «قاپقان» ، «پوچى ھەققىدە قىسسە» ، «ئۇيقۇغا ئامراق ئەلى ۋە ئۇنىڭ دۈشمىنى» ، «مىتىئورىت» قاتارلىق قىسقا فىلىملەرنىڭ باش تېخنىكا دىرىكتورلىقى ، رەقەملىك سەنئەت ۋە ئۈچ ئۆلچەملىك ئوبراز مودىلى خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. ھازىر مەلۇم تۈرنىڭ باش تۈر دېرىكتورلىقى بىلەن بىرگە قارلۇق كومپيۇتېر گرافىكى تەجىرىبىخانىسىدا رەقەملىك سەنئەت ۋە ئۈچ ئۆلچەملىك ئورگانىك مودىل يېتەكچىلىكى خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىدۇ .
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش