ئەرەب خەتتاتلىقى ئۇزاق يىللار داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ خەتتاتلىقتا يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن بولغاچقا بىزنىڭ ئۇيغۇر خەتتاتلىقىمىزمۇ ئەرەب خەتتاتلىرى ياراتقان نىشانغا قاراپ موشۇ يۆنىلىش بويىچە تەرەققى قىلۋاتىدۇ، سۇلۇس خەت نۇسخىسى خەت نۇسىخىلىرى ئىچدە ئەڭ ئاساسلىق، خەتتاتلارنىڭ ماھارىتىنى ئۆلچەيدىغان، ئەڭ كۆركەم خەت نۇسخىلىرىنىڭ بىرى، تۈۋەندىكى ئەسەرلەر تۈركىيلىك خەتتات ئوسمان ئۇزچاينىڭ يېزىپ چىققان سۇلۇس خەت نۇسخىلىرىنىڭ ھەرپ ئۆلچىمى بولۇپ بىزنىڭ ئۆرنەك قىلىپ ئۆگىنىشىمىزگە ناھايتتى ياخشى ماتىرىيلا بولالايدۇ، شۇڭا بۇ ماتىرىياللارنى خەتتاتلىققا قىززىققۇچى تورداش دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم، ئۇيغۇر خەتتاتلىقىمىز ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشايلى!
خەتتاتلىققا قىززىققۇچى دوستلار بىلەن بىرلىكتە پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئالغا ئىلگىرلىسەك دىگەن ئۈمۈدتىمەن، خەتتاتلىق توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئويلىغان ياكى خەتتاتلىق مۇلازىمىتىگە ئىھتىياجلىق دوستلارنىڭ ئالاقىلىشىشنى ئۈمۈد قىلىمەن، چ چ نۇمۇر: 316131407 ، چ چ نام: ئىلچىن(ilqin) .
2014-02-01 11:59:08 گىلەم
ھۆسىنخەت قەلىمىگە قانداق قەلەم ئىشلەتسەك ياخشى بۇلار؟
2014-02-02 14:02:30
ھازىر كۆپىنچە ياغاچ قەلەم ئىشلىتىش ئومۇملىشىۋاتىدۇ. قالغىنى خەت يازىدىغان ماتېرىيالنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قەلەم تاللىساق مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.
2011-07-02 05:34:44 كىگىز
ھەقىقەتەن پايدىلىنىشىمىزغا ئەرزىگۈدەك ياخشى ماتېرىيال ئىكەن! بۇ ماتېرىياللارنى ياخشى ساقلىسام بولغۇدەك!
2011-06-20 17:52:09 3#
ئىنكاسلارنى تۇزتۇشكە ئىمكان يوخكىنە؟
2011-06-20 17:50:52 4#
چۇقۇم تېرە قەغەز بۇلىشى كېرەكمۇ؟
2011-06-12 07:35:06 5#
ناھايىتى ياخشى ئىش بولۇپتۇ.