ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ خەۋىرى، فوتوسى: قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئيىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر سەنئەت مەكتىۋىنىڭ گۈزەل – سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى، تۇنۇلىۋاتقان ياش رەسسام ئەكبەر تۇرسۇننىڭ نورۇز بايرىمىنى كۈتۈۋىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن « ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» 2- ئاينىڭ 26-كۈنى قەشقەر شەھەرلىك مەدىنىيەت يۇرتى كۆرگەزمە زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيىتى بىلەن قەشقەر سەنئەت مەكتەپ تەشكىللىگەن، قەشقەر شەھەرلىك مەدىنىيەت – تەنتەربىيە، رادىئۇ -تېلىۋىزىيە ئىدارىسى، قەشقەر شەھەرلىك مەدىنىيەت يۇرتى ئۇيۇشتۇرغان ، قەشقەر « يىڭى يۇلتۇز» يەرلىك سودا شىركىتى، « بىخلان» ئېلان بىزەكچىلىك مەركىزى، « قىزىلگۈل سەيلىگاھى»، « قۇتبىلىگ» گۈزەل – سەنئەت لاھىيىلەش مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار ھەمكارلاشقان ۋە ئىختىسادى جەھەتتىن قوللىغان بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدىبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، « قەشقەر گېزىتى»، ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيىتى، ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى، تەشكىللىگۈچى ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى بىر قىسىم داڭلىق يازغۇچى، شائىرلار، خەتتاتلار، رەسساملار، قەشقەر سەنئەت مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار شۇنداقلا ئەكبەر تۇرسۇننىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى، ساۋاقداشلىرى، كەسىپداشلىرى بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. ئاپتۇرنىڭ مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئۇستازلىرى، كەسىپداشلىرى، ساۋاقداشلىرى ۋە ئۇرۇق – تۇققانلىرى ئۇنىڭ مۇۋەپىققىيىتىنى تەبرىكلەپ سوۋغا تەقدىم قىلدى.ئەكبەر تۇرسۇننىڭ دادىسى، پىشقەدەم شائىر، يازغۇچى، ژورنالىست تۇرسۇن نىياز ئاكا ئۆزىنىڭ ئوغلى ئەكبەر تۇرسۇنغا ئاتاپ يازغان « ئوغلۇمغا تەۋسىيە » دىگەن شېئىرىنى دىكلىماتسىيە قىلىپ بىرىپ، بۇ قىتىمقى كۆرگەزمىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا ئۆزگىچە يىڭى مەنا ئاتا قىلدى.
2014-03-17 09:16:33 گىلەم
بىرىنچى رەسىمدىكى قەشقەر مەنزىرسى رەسىمىنىڭ نۇسخىسى بارمىدۇ. بەك ياخشى سىزىلىپتۇ…