مەمتىمىن مۇھەممەت 1967- يىلى 4- ئايدا يەكەن ناھىيەسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1991- يىلى 9- ئايدىن 1995- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى رەسىم فاكۇلتېتى تولۇق كۇرس سىنىپىدا ئوقۇغان. ياش رەسسام مەمتىمىن مۇھەممەتنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «گۈزەللىك مۇھەببىتى»، «ئەجەبلىنىش» قاتارلىق ماي بوياق رەسىملىرى «شىنجاڭ سەنئىتى»، «شىنجاڭ مائارىپى» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغاندىن سىرت، «ئۇيغۇر قىزى»، «غىجەك چېلىۋاتقان ئايال»، «دېھقان ئايال»… قاتارلىق ماي بوياق رەسىملىرى ئاپتونۇم رايون ۋە يەكەن ناھىيەلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىلەرگە قويۇلۇپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشكەن، شۇنداقلا كەسىپداشلارنىڭ ياخشى باھالىرىغا سازاۋەر بولغان. مەمتىمىن مۇھەممەت 1995- يىلى 9- ئايدىن باشلاپ، يەكەن ناھىيە تومئۆستەڭ يېزىلىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن مەكتەپتە گۈزەل سەنئەت ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانسا يەنە بىر تەرەپتىن خىزمەتتىن سىرت ۋاقىتلىرىنى سەرپ قىلىپ، توختىماستىن ئۆزىنىڭ رەسساملىق ئىجادىيتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.
مەمتىمىن مۇھەممەت ماي بوياق ئەسەرلىرى
ئاتەش:
«ئاتەش» تەخەللۇسىنى قانداق سەۋەپلەر بىلەن قوللۇنۇپ قالغىنىم ئىسىمدە يوق. بەلكىم ئۆز كەسپىمگە بولغان ئوتتەك بىر قىزىقىش تۈرتكە بولغان بولىشى مۇمكىن. بىراق بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ئاتەش» ھەرگىز ۋە ھەرگىز ئوت- يالقۇنلارنى ئۇلۇغلاش، ئوت- يالقۇنلارغا سىغىنىش مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ.
كىيىنكى يازما: ھېكمەت كىتابخانىسىغا ئىشلەنگەن ماركا لايىھەسى
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش