ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورىغا كىرگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز! نەزىرىڭىز سەرخىل يازمىلاردا بولسۇن!

مۇھەممەتجان نەسىردىن ماي بوياق ئەسەرلىرى

2013-04-01 15:56 ئاپتور: مەنبە: ئىجادى كۆرۈلۈشى: 1,518 قېتىم ئىنكاس يازىمەن(1پارچە) خەت رازمىرى: چوڭ نۇرمال كىچىك

مۇھەممەتجان نەسىردىن 1964- يىلى تۇغۇلغان، 1985 – يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ ماي بوياق كەسپىنى پۈتتۈرۈپ قەشقەر شەھەرلىك 3 – ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. شۇندىن بېرى مەزكۇر مەكتەپتە گۈزەل – سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. ئۇ يىللاردىن بېرى، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلارنى كەسپىي جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيەلەش بىلەن بىرگە، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بارلىقىنى ماي بوياق ئەسەرلىرى سىزىش، ئىجات قىلىش بىلەن ئۆتكۈزدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇنىڭ بىر بۆلۈك ئەسەرلىرى ۋىلايەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇلدى ۋە مۇكاپاتلاندى. مۇھەممەتجان نەسىردىننىڭ «كۇلالچى» نامىلق ماي بوياق ئەسىرى 1997- يىلى ئاپتونۇم رايون بويىچە شاڭگاڭنى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە تاللىنىپ مىس مېدال مۇكاپاتىغا ئېرىشتى،«تەشنالىق» ناملىق ماي بوياق ئەسىرى 2007- يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق ماي بوياق ئىلمىي جەمىئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان «تۇنجى نۆۋەتلىك ياش رەسساملار ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى»گە قاتنىشىپ «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى .«بوۋايلار»، «قارباسقان كوچا »، «قوغۇنچى بوۋايلار» ناملىق ماي بوياق ئەسىرى قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك كۆرگەزمىلەرگە قاتنىشىپ ، 1-، 2 -، 3–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى . «بازار »ناملىق ماي بوياق ئەسىرى 2011-يىلى شىنجاڭ گۈزەل -سەنئەتچىلەر جەمىئىيىتى، ماي بوياق سەنئىتى ئىلمىي جەمئىيىتى ئويۇشتۇرغان «ھازىرقى زامان ماي بوياق سەنئىتى كۆرگەزمىسى» گە قاتناشتۇرۇلدى . «ئەگلەكچى» ناملىق ماي بوياق ئەسىرى «ئىلىغا سەپەر، ئەڭ گۇزەل ماكان يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ» تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلدى . ئۇندىن باشقا 10 نەچچە پارچە ماي بوياق ئەسەر «شىنجاڭ سەنئىتى»، «شىنجاڭ مائارىپ ژۇرنىلى»،«قەشقەر ئەدەبىياتى» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. 10 نەچچە پارچە ماي بوياق ئەسەرلىرى ئەنگىلىيە، ياپونىيە ، كورىيە ، ئىتالىيەنىڭ SOFT شىركىتى، گېرمانىيە قاتارلىق ئەللەر ساياھەتچىلىرى تەرىپىدىن يىغىپ ساقلانماقتا .

 ئەسكەرتىش:

يۇقارقى ماي بوياق رەسىملەرگە ئىھتىياجلىق گۈزەل سەنئەت ھەۋەسكارلىرى، يىغىپ ساقلىغۇچىلار، سودىگەرلەر ئاپتور بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىپ سېتىۋالسا بولىدۇ.

مۇھەممەدجان نەسىردىن :  18699830077

ئاتەش:
«ئاتەش» تەخەللۇسىنى قانداق سەۋەپلەر بىلەن قوللۇنۇپ قالغىنىم ئىسىمدە يوق. بەلكىم ئۆز كەسپىمگە بولغان ئوتتەك بىر قىزىقىش تۈرتكە بولغان بولىشى مۇمكىن. بىراق بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ئاتەش» ھەرگىز ۋە ھەرگىز ئوت- يالقۇنلارنى ئۇلۇغلاش، ئوت- يالقۇنلارغا سىغىنىش مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ.

تورداشلار ئىنكاسلىرىھازىر1پارچە ئىنكاس چۅشۅپ بولدى, مەنمۇ يوللايمەن

  1. saharman
    2013-04-20 14:35:40 گىلەم

    ياخشى سىزىپتۇ ;-)

ئىنكاس يوللاش

*

* (مەخپى)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif

Ctrl+Enter تىز ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەزا كىرىشتاقاش

ئەستە ساقلا پارولنى ئۇنتۇپتىمەن

ئەزا بولۇشتاقاش

小提示: 您的密码会通过填写的"电子邮箱"发送给您.