2013- يىلى 3- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 13- كۈنىگىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى گۈزەل سەنئەت سارىيىدا يەكەن ناھىيە تومئۆستەڭ يېزا ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىىسى مەمتىمىن مۇھەممەتنىڭ «تەكلىماكان تەسىراتلىرى» ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىنى يەكەن ناھىيەلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يەكەن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى، يەكەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى قاتارلىق ئورۇنلار تەشكىللىگەن بولۇپ، كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا داڭلىق ئۇيغۇر رەسساملاردىن ئابدۇكېرىم نەسىردىن، ئابدۈشۈكۈر كېرىم، تۇردى ئىمىن، زۆرەم ياسىن، مۇختەر ياسىن، يالقۇن غازى.. قاتارلىقلار ھەمدە ئاپتورنىڭ كەسىپداشلىرى، دوستلىرى ۋە ساۋاقداشلىرى قاتناشتى. كۆرگەزمىگە مەمتىمىن مۇھەممەتنىڭ يېقىنىقى يىللاردىن بۇيان سىزغان ئىجادىي ماي بوياق رەسىملىرىدىن 80 پارچە قويۇلغان بولۇپ، كۆرگەزمە كۆرگۈچىلەرگە ئۆزگىچە ئىستىتىك زوق بىغىشلىدى. ئابدۇكېرىم نەسىردىن، ئابدۈشۈكۈر كېرىم، تۇردى ئىمىن قاتارلىق داڭلىق رەسساملار كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىي قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانىىسى كۆرگەزمە ئەھۋالىنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.
«تەكلىماكان تەسىراتلىرى» ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
ئالدىنقى يازما: ئەرەب نەقىشلەر توپلىمىنى چۈشۈرۋىلىڭ (3 قىسىم)
كىيىنكى يازما: مەمتىمىن مۇھەممەت ماي بوياق ئەسەرلىرى
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش