جۇڭگۇ گۈزەل سەنئەت مۇزىيى- رەسىم ساقلاش ، تەتقىق قىلىش ، كۆرگەزمە قىلىش جۇڭگۇنىڭ سەنئەتكەرلەرنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئاساسىي ئوبىكىت قىلغان دۆلەت قۇرغان سەنئەت مۇزىيى .1963-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 18000 كۇۋادىرات مېتىر ،بەش قەۋەتلىك ئىمارەت ئىچىگە 17 كۆزگەزمە زالى بار . كۆرگەزمەت زالى كۆلىمى 8300 كۇۋادىرات مېتر،1-قەۋەتتە 9 كۆرگەزمە زالى، 3-قەۋەتتە 5كۆرگەزمە زالى ،5-قەۋەتتە 3 كۆرگەزمە زالى بار .1995يىلى ئاساسىي بىنا ئارقا تەرپىگە زامانىۋى ساقلاش ئامبىرى قۇرۇلغان ،كۆلىمى 4100 كۇۋادىرات مېتر .مۇزىيدا ساقلانغان گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى 100 مىڭ پارچىدىن دىن ئاشىدۇ.چەتئەل ئەسەرلىرىمۇ بار .ھەر يىلى نۇرغۇنلىغان كۆرگەزمە ئېلىپ بىرىپ خەلق ئاممىسىغا ،سەنئەتكارلارغا ، دۇنياغا گۇزەللىك تەربىيسى ئېلىپ بارىدىغان سەنئەت قەسىرى بولۇپ كەلمەكتە .
مەن بۇ گۇن تورداشلارغا بۇ مۇزىيغا ساقلىنىۋاتقان جۇڭگۇنىڭ1921-يىلدىن 1999 –يىلقىچە سىزىلغان 600پارچىگە يىقىن ماي بوياق رەسىمىن كۆرۇپ بىقىش ئۇچۇن ئېلىپ كەلدىم . رەسىم سانى كۆپ بولغاچقا تروداشلارغا قولاي بولۇشى ئۇچۇن رەسىمنى پىرىسلاپ يوللۇدۇم.تورداشلارنىڭ ، كەسپىداشلارنىڭ كۆرۇپ پايدىلىنىشى ئۇمۇد قىلىمەن .
رەسىملەرنىڭ ئاپتورى ، سىزىلغان ۋاقتى ، چوڭ -كىچىكلىكى كېرەك بولغا بۇ ئادرىستىن كۆرۇڭ :
http://www.namoc.org/msg/cp/cpjx/mszp/yh
2011-09-25 11:33:20 گىلەم
باشقا نۇمۇر سالاي دىسەم تورداشلار تاپالماي قالمۇسۇن دەپ شۇ
2011-09-24 15:54:51 كىگىز
ھەقىقەتەن ياخشى رەسىملەر بار ئىكەن، ماڭا بەكلا يارىدى، داۋاملىق يوللاپ تۇر.
2011-09-24 15:45:05 3#
بەك ياخشى ماتېرىيال يوللاپسەن، تاپالمىغان بەزى رەھىملەرنىمۇ تىپىۋالدىم، بىراق مەخپىي نۇمۇرىنىمۇ قالدۇرۇپ قويامسەن؟ مەنغۇ مەخپىي نۇمۇرىنى تىپىۋالدىم،باشقا كەسىپداشلار قىيىنچىلىقتا قالمىسۇن.
لىكىن، مەخپىي نۇمۇرى بەك ئاددىيكەن.