ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورىغا كىرگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز! نەزىرىڭىز سەرخىل يازمىلاردا بولسۇن!

يەكەن ناھىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام» تېكىستلىرى خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

2013-10-09 04:47 ئاپتور: مەنبە: ئىجادى كۆرۈلۈشى: 1,121 قېتىم ئىنكاس يازىمەن(2پارچە) خەت رازمىرى: چوڭ نۇرمال كىچىك

2013- يىلى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى يەكەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا، يەكەن ناھىيەلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يەكەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە، رادىئو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، يەكەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى، يەكەن ناھىيەلىك كۇتۇبخانا، «يەكەن ئەدەبىياتى» تەھرىراتى، يەكەن ناھىيەلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئىستىداتلىق ياش خەتتاتلاردىن ئەرشىدىن رېشىد راشىد ۋە راخمانجان توختىلارنىڭ «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام» تېكىستلىرى خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.

كۆرگەزمىگە ياش خەتتات ئەرشىدىن رېشىد راشىد ۋە راخمانجان توختىلارنىڭ بىر يىلدىن ئارتۇق جاپالىق ئەجرى بىلەن تەئىلىق خەت نۇسخىسىدا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرىنى ئاساس قىلىپ تەييارلانغان 70 پارچىدىن ئارتۇق خەتتاتلىق ئەسىرى قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا، ئاتاقلىق رەسسام، ئۇستاز غازى ئەھمەد ئەپەندى، ۋىلايەت ۋە ناھىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى، ناھىيە ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن خەتتاتلار، رەسساملار، گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى، ئاپتورلارنىڭ دوست- بۇرادەرلىرى ۋە ھەر ساھە ئامما بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

 ئاتاقلىق رەسسام، ئۇستاز غازى ئەھمەد ئەپەندى كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرىنى ھۆسنىخەتچىلاپ يېزىش ۋە بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى يەكەندە ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى ۋە كۆرگەزمىگە بېغىشلىما يېزىپ بەردى.

كۆرگەزمە ئاخىرىدا ھەر قايسى شەھەر، ۋىلايەتتىن كەلگەن كەسىپداشلار ئۆز ئارا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، خەتتاتلار نەقمەيداندا ماھارەت كۆرسەتتى.

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

ئاتەش:
«ئاتەش» تەخەللۇسىنى قانداق سەۋەپلەر بىلەن قوللۇنۇپ قالغىنىم ئىسىمدە يوق. بەلكىم ئۆز كەسپىمگە بولغان ئوتتەك بىر قىزىقىش تۈرتكە بولغان بولىشى مۇمكىن. بىراق بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ئاتەش» ھەرگىز ۋە ھەرگىز ئوت- يالقۇنلارنى ئۇلۇغلاش، ئوت- يالقۇنلارغا سىغىنىش مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ.

تورداشلار ئىنكاسلىرىھازىر2پارچە ئىنكاس چۅشۅپ بولدى, مەنمۇ يوللايمەن

  1. ئىزدىنىش
    2013-10-13 05:45:42 گىلەم

    ھەي،ئاڭلىماي قاپتىمەن ئەمەسمۇ؟ھازىر ئاخىرلىشىپ بولدىمۇياكى ئاخىرلاشمىدىمۇ؟ مىنىڭ بىر كۇرۇپ باققىم بار ئىدى.

    • ئاتەش
      2013-10-14 07:20:52

      شۇنداق، ئاخىرلىشىپ بولدى.

ئىنكاس يوللاش

*

* (مەخپى)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif

Ctrl+Enter تىز ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەزا كىرىشتاقاش

ئەستە ساقلا پارولنى ئۇنتۇپتىمەن

ئەزا بولۇشتاقاش

小提示: 您的密码会通过填写的"电子邮箱"发送给您.