2013 – يىلى 25-دېكابىر قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى سەنئەت فاكولتېتى 2011-يىللىق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى تۇردىھاجى ئەلى (ئاتەش گاداي) ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېتى كۆرگەزمە زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا فاكولتېت رەھبەرلىرى ۋە قەشقەردىكى بىر قىسىم خەتتات، رەسساملار، شۇنداقلا خەتتاتنىڭ ئۇستازلىرى، ئۇرۇق- تۇغقان، ئەل- ئاغىنە، دوستلىرى ۋە ساۋاقداشلىرى بولۇپ 500 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. فاكولتېت رەھبەرلىرىدىن ئەنۋەر سادىق، خەتتاتلار جەمئىيتىدىن قۇربانجان روزى شەيدائى قاتارلىقلار تەبرىك سۆزى قىلدى.
كۆرگەزمىگە خەتتاتنىڭ 80 پارچە خەتتاتلىق ئەسىرى قويۇلغان بولۇپ، كۆرگەزمە ئارىلىقىدا بىر بۆلەك ئەسەرلەر ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى. بولۇپمۇ، كۇفى خەت نۇسخا ھەرپلىرى بىلەن لاھىيلەپ، گۈل-كەشتە رەختنىڭ ئۈستىدە رەڭدار يىپلار بىلەن كەشتىلەنگەن ئون نەچچە پارچە خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىنىڭ يارقىن نوقتىسىغا ئايلاندى. بۇ ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى ساھەسىدىكى يېڭى بىر يۈزلىنىش بولۇپ، ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى ئەسەرلىرىنىڭ سەنئەتلىك ۋە بەدىئىي قىممىتىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى باشلىنىش بوپ قالغۇسى.
تۇردى ئاتەش گادايدىن،
سىزگە سالام ئەزىزلەر.
ھەر تىنىقتا بال تامغان،
تىلى شېرىن لەزىزلەر.
گۈل-دەستىلەر سۇنۇپسىز،
ئۇتۇق تىلەپ بىز ئۈچۈن.
بولسۇن بۇ جان تەسەددۇق،
مۆھتىرەملەر سىز ئۈچۈن.
2014-05-26 05:13:14 گىلەم
تۇردىھاجى مۇبارەك بولسۇن، ئىشلىرىڭلا ئۇتۇقلۇق بولسۇن، كەسىپتە تېخىمۇ پىشىپ يىتىلگەيسىلە.
2013-12-29 12:28:33 كىگىز
بۇ سىزمۇ ياكى باشقا ئاتەشمۇ ؟ سىز بولسىڭىزمۇ ياكى باشقىلار بولسىمۇ كۆرگەزمىنىڭ مۇۋەپىقيەتلىك ئۆتكۇزۇلىشىگە تىلەكداشمەن .
2013-12-24 09:15:01 3#
ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن!