3- نويابىر چۈشتىن كېيىن ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق، كەيپىياتىممۇ شۇنداق ياخشى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن نەچچە كۈندىن بىرى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرگەن پىلانىمغا ئاساسەن توكسىكلىتىمنى ھەيدەپ، يەكەن دەريا بويىدىكى توغراقلىققا (ئىگەرچى بازىرى تەۋەسىدە) سۈرەت تارتىشقا جابدۇندۇم. بۇ چاغدا سائەت 5:00 دىن ئىشىپ قالغان بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ شۇ چاغدىكى ئويۇمدا كەچكى شەپەق ۋاقتىغا دەل ئۈلگۈرۈپ چىقىمەن دەپ خاتا ئويلىغان ئىكەنمەن، لىكىن توكسىكلىتنى بولىشىغا ھەيدەپ، ئالدى- كەينىمگە قارىماي چاپقان بولساممۇ، مەنزىرە نۇقتىسى بىلەن ناھىيە مەركىزىنىڭ ئارىلىقى 15 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولغاچقا، پىلانلىغان نۇقتىغا بېرىپ بولغۇچە كۈن ئولتۇرۇپ بولدى.
ھامىنى چىققاندىن كېيىن قۇرۇپ كىرىپ كەتمەي دەپ بىر قانچە پارچە سۈرەت تارتىتىم، تەلىيىمگە بىر قىسىم سۈرەتلەر خىلى يامان ئەمەس چىققاندەك تۇيۇلۇپ، كەسىپداشلار بىلەن ھەمبەھىرلىنەي دەپ ئويلاپ، بىر قىسىملىرىنى تاللاپ بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىشىم.
لىكىن بۇ قېتىملىق سۈرەت تارتىشتا نەتىجە كۆپ بولمىسىمۇ، بەزىبىر تەجىرىبە- ساۋاقلارنى يەكۈنلىۋالدىم.
ئىشلەتكەن ئاپپارات: canon powershot sx130
مەنزىرە نۇقتىسى: يەكەن ناھىيە ئىگەرچى بازىرى تەۋەسى
2013-12-23 05:38:06 گىلەم
رەسىملەر ياخشى چىقىپتۇ . باشقا ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرگىلى بولماس بولۇپ كەتتى …
باشقا ئەسەرلەرنىمۇ كۆپىرەك يوللاپ تۇرارسىز ..
2013-12-13 09:47:48 كىگىز
ئەڭ ئاخىرىدىكى ئىككى پارچىسىدىن باشقىسى تازا ياخشى چىقماپتۇ،ھەزىرەت گىرافىكىدىن فوتو-سۈرەتتىكى ئوبىكىتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدە بىر يازما بار.كۆرۈپ بېقىپ،بۇدالىققا قار مەنزىرىسىنى ۋويجون دېگۈدەك تارتىۋىتەلا
2013-11-21 09:45:05 3#
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ !
2013-11-21 02:27:18 4#
قالتىس تارتىپسىز ، بىراق بۇ رەسىمدىكى ئۇرۇن بىزنىڭ كونا مەھەللىنىڭ بىر چېتىگە ئوخشاپلا تۇردىغۇ ؟
2013-11-21 02:32:33
رەھمەت.
سىزنىڭ كونا مەھەللە قەيەردە بولغىيتتى؟