ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەسىپداشلار
ياش خەتتات ھەسەنجان روزى (قوشماق) نىڭ «ئانىغا مەدھىيە» تېمىسىدىكى خەتتاتلىق سەنئىتى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 11- ئاينىڭ 23- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى.
كەڭ خەتتات دوستلارنىڭ، كەسىپداشلارنىڭ ، خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرىنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىر بېرىشىنى سورايمىز.
كۆرگەزمە ئورنى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا
كۆرگەزمە ئېچىلىش ۋاقتى: 2013- يىلى 11- ئاينىڭ 23- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9:00 دا
2013-11-16 05:37:32 گىلەم
كىلەر ھەپتە چوقۇم بارىمەندە كۆرگەزمىگە
2013-11-14 13:58:22 كىگىز
بەك ياخشى بوپتۇ كۆرگەزمىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.