ئىسكەندەر ئىسمائىل خەۋىرى، فوتوسى: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيتى ۋە قۇمۇل شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق 28 -قېتىملىق ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ۋە «جوڭگو ئارزۇسى، قۇمۇلغا مەدھىيە خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى» قۇمۇلدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى. يىغىنغا قۇمۇل شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيە-شەھەرلەردىن تەكلىپ قىلىنغان خەتتاتلار ۋەكىلىلىرى ۋە قۇمۇلدىكى بىر قىسىم خەتتاتلار بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
يىغىندا ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا ئۇيغۇر خەتتاتلىقى جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلار ۋە ساقلانغان مەسىللەر مۇھاكىمە قىلىندى ھەمدە ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقان قۇربانجان روزى شەيدائى، ئەرشىدىن رېشىت… قاتارلىق خەتتاتلار مۇكاپاتلاندى، نىياز كىرىم شەرقىي، قۇربانجان روزى شەيدائى قاتارلىق داڭلىق خەتتاتلارنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كىيىن، خەتتاتلار ۋەكىللىرى قۇمۇلدىكى داڭلىق ساياھەت نوقتىلىرىدا ساياھەتتە بولدى ھەمدە قۇمۇلدىكى دىھقان خەتتاتلارنىڭ رەسىم ھۆسىنخەت كۆرگەزمىسى ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەتتاتلارنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى قاتناشتۇرلغان «جۇڭگو ئارزۇسى، قۇمۇلغا مەدھىيە خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى» قاتارلىق كۆرگەزمىلەرنى كۆردى، پائالىيەت ئاخىرىدا خەتتاتلار قۇمۇل شەھەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە خەتتاتلىق ماھارىتى كۆرسەتتى ۋە مەكتەپكە ھۆسىنخەت ھەدىيە قىلىدى.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش