كېتەرلىك قورال-سايمانلار:
1. قاپاق
تولۇق پىشقان،پوستى قىلىن،سىلىق قاپاقلار تاللىنىدۇ.
2.قۇم قەغەز
3.قاتتىق يۇمشاقلىقى ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە تال قىرىنداش
4.بىنشى بوياق،موي قەلەم
ماي بوياق ،كىگىزچىلىك بويىقى…قاتارلىق بوياقلار بولسىمۇ بولىدۇ، بۇيەردە بوياقنىڭ رەڭلىرىنىڭ ئوچۇقلىقى،ئەپلىكلىكى،تىز قۇرۇشچانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ بىىنشى تەۋسىيە قلىنىدۇ.
5.پارقىرىتىش سىرى
بولسا مەخسۇس بېزەكچىلىككە ئىشلىتىدىغان ئىككى خىلنى تەڭ ئارلاشتۇرىدىغان پارقىرىتىش سىرى بولسا تېخىمۇ ياخشى.
سىزىش قەدەم-باسقۇچى:
1. تەييارلانغان قاپاقنى قۇم قەغەز بىلەن سۈرتۈپ ،قاپاقنىڭ سرتقى پوستىدىكى مودۇر چۇقۇر،قوپاللىقلارنى تەكشىلەپ،سىلقلاش ئېلىپ بېرىش.
ئەگەر قاپاقنىڭ سىرتقى يۈزى سىلىق بولسا بۇ باسقۇچتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسەكمۇ بولىدۇ.
2.قاپاققا سىزىلىدىغان رەسىم ياكى ئۆرنەكلەرنى سىزىش.
قاپاقنىڭ سىرتقى يۈزى ئايلانما بەت بولغاچقا قەغەز،رەختكە ئوخشاش تەكشى بەتلىك نەرسىلەرگە سىزىشقا نىسبەتەن بىر قەدەر مۇرەككەپ . ئادەتتە تەكشى بەتلىك يۈزلەرگە رەسىم ياكى نەقىش ئۆرنەكلىرىنى سىزغاندا بېسىپ كۆپەيتىش،قاراقەغەز (شىپىگىراپ قەغىزى) قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ چوڭ دائىرلىك شەكىللەرنىڭ ئوخشاش چىقىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ ، بىراق قاپاق ئايلانما بەتلىك يۈزگە تەۋە بولغانلىقتىن بۇ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئىمكانىيتى ئاساسەن يوق دىيەرلىك ،بولغان تەقدىردىمۇ شەكىل ئۆزگىرىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن ،شۇڭا قاپاقنى مەلۇم بۆلەكلەرگە بۆلىۋىلىپ بىۋاستە سىزىش ئۇسۇلىنى قوللانغىنىمىز مۇۋاپىق.
3. رەڭ بېرىش .
رەڭ بېرىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسلە: رەڭ بەك قويۇق ،قىلىن بىرىلمەسلىكى كېرەك،بولمىسا قاپاقنىڭ پۈتۈپ چىققاندىن كېيىنكى سۈپىتى ۋە كېيىنكى قاپاقنىڭ ساقلىنشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
4. رەتلەپ پۈتتۈرۈش
بۇباسقۇچتا قاپاققا رەڭ بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن،ئىنچىكىلەيدىغان جايلارنى ئىشلەش بىلەن بىرلىكتە قاپاقتىكى قىرىنداش ئىزلىرىنى ئۆچۈرۋىتىپ،قاپاقنىڭ سىرتقى يۈزىگە بىر قەۋەت پارقىرىتىش سىرى بېرىپ چىقىمىز.
چوڭ دائىرلىك ئاق رەڭ بار جايلارغا پارقىرىتىش سىرى بەرگەندە رەڭنىڭ ئەسلى رەڭ تۈسىنى ساقلاپ قالماقچى بولساق رەڭسىز پارقىرىتىش سىرى بەرگىنىمىز تۈزۈك بولمىسا ئاق رەڭلەرنىڭ رەڭ تۈسى ئۆزگۈرۈپ سىرىققا مايىل بولۇپ قالىدۇ.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش