رەسسام مۇھەممەت ھېيىت 1944-يىلى قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان، 1965- يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ گۈزەل سەنئەت فاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن .ھازىر شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرستىتى گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسورى،ماگىستىر ئاسپىرانت يىتەكچىسى، جۇڭگۇ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، دۆلەتلىك بىرىنجى دەرىجىلىك رەسسام ، شىنجاڭ رەسىم ئاكادىمىيىسىنىڭ كەسپى ماي بوياق رەسسامى.
1981- يىلى «بالدۇر كەلگەن كۈز» ناملىق ئەسىرى مەملىكەتلىك ئىككىنچى نۆۋەتلىك ياش رەسساملارنىڭ گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسىدە ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا،1989-يىلى «قاينىغان قۇملۇق» ناملىق ئەسىرى مەملىكەتلىك 7 – نۆۋەتلىك گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان ،1991 - يىلى «بۈركۈت نەي» ناملىق ئەسىرى مەملىكەت بويىچە بەش ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ گۈەل سەنئەت كۆرگەزمىسىگە ، «قۇملۇق . ئادەم» ناملىق ئەسىرى 1992-يىلى مەملىكەت بويىچە ماي بوياق رەسىم سەنئىتى كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان، 1994-يىلى «پاراڭلىشىۋاتقان بوۋايلار» ناملىق ئەسىرى مەملىكەتلىك گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسىدە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ،يەنە شۇ يىلى «مۇھەممەد ھېيىت ماي بوياق ئەسەرلىرى توپلىمى»نەشىر قىلىنغان.
1998-يىلى ئۈرۈمچى شەھرىدە ئۆزىنىڭ شەخسىي ماي بوياق رەسىملەر كۆرگەزمىسىنى ئاچقان
ئۇنىڭ «باش باھار»، «ئىيۇن» قاتارلىق ماي بوياق ئەسەرلىرى جۇڭگۇ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ساقلانماقتا.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش