خوتەن قەغىزى – ئېلىمىزنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدىكى تۆت چوڭ كەشپىياتنىڭ بىرى بۇلۇپ، ئۇزاق تارىختىن بۇيان مىللىي قول سانائىتىمىزدە مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. دەرۋەقە، بۈگۈنكى زاماننىڭ يېڭىچە سانائىتى گەرچە ئۇنى بازار ئىگىلىكى ۋە تاۋار ئىگىلىكىدىن سىقىپ چىقارغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ تارىخى قىممىتى ھامان سىزنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان نۇرغۇنلىغان تارىخى ۋەسىقىلەر ،ئەدەبىي ئەسەرلەر ، ھەرخىل ئىلىم -پەن ھۆججەتلىرى ئەنە شۇ خوتەن قەغىزىگە پۈتۈلگەن بولۇپ، قىممەتلىك مەدەنىي مىراس سۈپىتىدە دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كەلگەن. قەدىمكى«يىپەك يولى» سودىسىدا يوقىرى تاۋار قىممىتىگە ئىگە بولۇپ ، «خوتەن قەغىزى» نامى بىلەن ئەتراپقا داڭقى يېيىلغان . چۈنكى «خوتەن قەغىزى» ئاسانلىقچە يىرتىلمايدىغان ۋە چىرىمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇ ئەۋرىشىم بولغاچقا ، خەت يېزىشتىن باشقا يەنە دورا- دەرمانلارنى ئوراش ، كىيىم كېچەكلەرگە قاتۇرما قىلىش ، ھەرخىل گۈزەل -سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ .
خوتەن قەغىزىنى ئىشلەش خوتەننى مەركەز قىلغان ھالدا يەكەن ۋە قەشقەرلەرگىچە كەڭ ئومۇملاشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن خوتەن شەھرى (ئىلچى ) دىكى بىرقانچە مەھەللىلەر ھازىرغىچە « قەغەز مەھەللىسى» دىگەن نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە .
ياسىلىش ئۇسۇلى : خوتەن قەغىزىنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى < سامان قەغىزى > نىڭ خام ماتېرىيالىغا ئوخشاشمىغان ھالدا ، توغراق ۋە ئۈجمە دەرىخىنىڭ قوۋزىقىدىن ئىبارەت . دەسلەپ توغراق ياكى ئۈجمە قوۋزىقىنى يىغىپ ئۇنى سۇغا چىلاپ قويىدۇ . قوۋزاق بىر ئاز يۇمشىغاندىن كىيىن ، ئۇنىڭ سىرتقى قوپال قاتلىمىنى سويۇپ ئېلىۋېتىپ ، ئىچىدىكى بىر قەۋەت نىپىز ئاپئاق قەۋىتى ئايرىۋېلىنىدۇ . مانا شۇ خوتەن قەغىزىنىڭ ئاساسى خام ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ . بۇ قەۋەتنى قازاندا ئىككى سائەتچە قاينىتىپ بوتقا لاتقا قىلىنىدۇ . بۇ قوۋزاق بوتقىسىنى ياغاچ توقماق بىلەن سوقۇپ ئەزگەندىن كىيىن ، مەخسۇس ياغاچ تۇڭغا سېلىپ ، ئۈستىگە مەلۇم مىقداردا سۇ قۇيىدۇ ۋە ئۇنى توختىماي قوچۇپ ئۇماچقا ئايلاندۇرۇلىدۇ .
ئىككىنچى باسقۇچتا ، بۇ قوۋزاق ئۇمىچىنى مەخسۇس ياسالغان چۆمۈچ پىچكوك دېيىلىدۇ ئارقىلىق ئۆلچەملىك ياغاچ قېلىپقا تەكشى قۇيۇپ ، سۇ كۆلچىكىدە سۈزۈلىدۇ . قېلىپنىڭ يۈزى تەكشىلەنگەندىن كىيىن ،شۇ پېتى كۈن نۇرىغا قاقلاپ قۇيىلىدۇ . قەغەز بوتقىسى قۇرۇغاندىن كىيىن ، قەغەزنى قېلىپتىن سويىۋالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن دەستلەپكى قەغەز تاختىسى پۈتىدۇ . بۇنداق قەغەزنىڭ بىر تاختىسى ياسىلىپ چىقىشى ئۈچۈن ، تەخمىنەن سەككىز ئون چىلەك سۇ سەرىپ قىلىنىدۇ. ئەگەر ماتىريال تەييار بولسا ، بىر قەغەزچى ئۇستا بىر كۈندە بۇنداق قەغەزدىن ئۈچ يۈز تاختا ياساپ چىقالايدۇ. بۇنداق قەغەزنى قېلىپتىن ئالغاندىن كىيىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى تېخىمۇ سىپتا ۋە پارقىراق قىلىپ پىششىىقلاپ ئىشلەشكە ھاجەت تۇغۇلسا ، گۈرۈچنى ئىزىلگۈچە قاينىتىپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ، ھېلىقى قەغەز يۈزىنى تەكشى پاتلاپ ، قاشتېشى بىلەن سۈركەپ سىلىقلايدۇ. قەدىمكى مۇھىم تارىخى ھۆججەتلەر پۈتۈلگەن قەغەزلەر مانا شۇ سىلىقلانغان خوتەن قەغىزىدۇر .
قولغا تايىنىپ خوتەن قەغىزىنى ياساش بۈگۈنكى كۈندە بارغانسىرى يوقىلىشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ ، لىكىن ئۇ بىرخىل ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر -سەنئىتى سۈپىتىدە تارىختىن ئۆچكىنى يوق . ھازىرمۇ دوپپىچىلار ۋە دورا پۇرۇشلار بۇ قەغەزنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇرلاردىن 11 ئەۋلات قەغەزچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان توختى باقى ئاكا بۈگۈنكى كۈندە خوتەندىكى ئەڭ مەشھۇر قەغەزچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر نەچچە قېتىم خەلقارا سەھنىلەردە قەغەز ياساش ماھارىتىنى كۆرسىتىپ قايتىپ كەلدى.
خوتەن قەغىزى
shawqun:
تەخەللىسۇم : شاۋقۇن . جىمجىتلىقنى تازا خالاپ كەتمەيمەن، شاۋقۇن سۇرەن ئىچىدە دىىققىتىمنى يىغالىغىنىمدىن بولسا كىرەك . قېزىقىشىم : كومپىيۇتېر ، خەتتاتلىق ،لايىھەلەش ،پۇتبول .ئەڭ ياقتۇردىغان سۆز-ھىچكىمنى بوش چاغلىماڭ!
كوت كوت نۇمۇرۇم : 1511919501
ئالدىنقى يازما: Philippe Faraut نىڭ ھەيكەلتاراچلىق سەنئىتى دەرسى
كىيىنكى يازما: روسىيەلىك رەسسام Alexander Averin ماي بوياق رەسىملىرى
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش