نۇردۇن ئابدۇسەمەت 1968- يىلى 12- ئايدا يەكەن ناھىيەسىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1988- يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت مەكتىۋىنىڭ ئوپىرا كەسپىنى پۈتتۈرگەن . 1988- يىلدىن 1990- يىلىغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدە ئارتىس بولغان. 1990- يىلدىن 1998- يىلغىچە « يەكەن گىزىتى » دە فوتۇسۈرەت مۇخبىرى، تەھرىر، تەھرىر بۆلۈمنىڭ مۇدىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. 1998- يىلىدىن 2008- يىلغىچە يەكەن ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدە ناھىيىنىڭ تاشقى تەشۋىقات خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن. 2008- يىلى 3- ئايدىن باشلاپ يەكەن ناھىيەلىك ئەدەبىيات– سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى، 2011-يىلى 2- ئايدىن باشلاپ يەكەن ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ناھىيىلىك ئەدەبىيات– سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى، 2012-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ يەكەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ،رادىئو -تىلىۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاخبارات نەشىرىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ، ناھىيىلىك ئەدەبىيات– سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە .
نۇردۇن ئابدۇسەمەت فوتۇسۈرەت ئىجادىيتى 1990- يىلدىن تارتىپ باشلانغان بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا يەكەن خەلقىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۇرىدىغان سۈرەتلەرنى كۆپلەپ تارتىپ، گېزىت – ژورناللاردا ئېلان قىلغان، ناھىيە ، ۋىلايەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن ئىچى سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن فوتۇسۈرەت كۆرگەزمىلىرىگە كۆپلەپ قاتناشقان، ناھىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىلەرگە بىۋاستە يىتەكچىلىك قىلغان. كۆپلىگەن ئەسەرلىرى مۇكاپاتقا ئىرىشكەن، « تېز تاماقخانىدىكى مىزىلىك پۇراق » ناملىق فوتۇسۈرەت ئەسىرى شياڭگاڭدا كۆرگەزمە قىلىنغان ۋە دۇنيا فوتۇسۈرەتچىلىكى ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن. بىرقىسىم ئەسەرلىرى «شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەت فوتۇسۇرەتچىلەر ئەسەرلىرى توپلىمى» غا كىرگۇزۇلگەن. بەش پارچە ئەسىرى شىنجاڭ ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن، 2010- يىلى 3- ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن ئۇنىڭ «ئىنسانلار ئارىسىدىكى پەرىشتە- ۋاڭ يەننا» ناملىق فوتۇ ھېكايىلار توپلىمى نەشىر قىلىنىپ، كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۇشكەن.
نۇردۇن ئابدۇسەمەت ھازىر شىنجاڭ فوتۇسۈرەتچىلەر جەمئىيتىنىڭ ، شىنجاڭ ئاخبارات فوتۇسۈرەتچىلەر جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك فوتۇسۈرەتچىلەر جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش