ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كەسىپداشلار، تورداشلار.
كومپيۇتېر گرافىكى دېگەن بۇ ئۇقۇم ھازىر بەلكىم ھەممەيلەنگە بەك ناتونۇش بولمىسا كېرەك، توردىن ئىزدىسەك بۇ ھەقتە ماتېرىياللار ۋە چۈشەنچىلەرمۇ ئىنتايىن كۆپ، بىراق بۇ ساھەدە ئۇيغۇرچە پايدىلىنىش قىممىتى بار ماتېرىياللار ئاساسەن يوق دېيەرلىك. رايونىمىزدا بۇ ساھەدە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان پەخىردىن قارلۇق ئەپەندىنىڭ «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدۇرغان «كومپيۇتېر گرافىك سەنئىتى» ماۋزۇلۇق ماۋزۇلۇق ئىككى قىسىملىق ئۇيغۇرچە ئېلكىتابىنى بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا توردىن چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويۇپتىكەنمەن. ماقالىدە كومپيۇتېر گرافىكى سەنئىتى ھەققىدە ناھايىتى تەپسىلىي ھالدا چۈشەنچە بېرىلگەن بولۇپ، كەڭ كەسىپداشلار ۋە تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بولار دەپ بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىم. لازىملىق تورداشلار، كەسىپداشلار چۈشۈرۈپ پايدىلىنارسىلەر.
ئەسكەرتىش: ماقالىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ۋە نەشر ھوقۇقى پەخىردىن قارلۇق ئەپەندىگە ۋە «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش»ژۇرنىلىغا تەۋە، ئەگەر ئاپتورلۇق ھوقۇقى ۋە نەشر ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزۈلدى دەپ قارالسا، ئەڭ تېز سۈرئەتتە بوشلۇقتىن ئۆچۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش