ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورىغا كىرگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز! نەزىرىڭىز سەرخىل يازمىلاردا بولسۇن!

ئۇيغۇر نەققاشلىق سەنئىتى توغرىسىدا

2011-06-12 15:18 ئاپتور: مەنبە: ئىجادى كۆرۈلۈشى: 532 قېتىم ئىنكاس يازىمەن خەت رازمىرى: چوڭ نۇرمال كىچىك

نەققاش ئۇ بىر خىل ھۈنەر كەسىپكە تەۋە بولسىمۇ، سەنئەت بىلەن زىچ بىرىككەن بولغاچقا كىشلەرگە گۈزەللىك ۋە ھوزۇر بېغشلايدۇ.ئۇ بىر مىللەت، بىر رايوننىڭ مەدەنىيىتى، ھۈنەر سەنئەت تەرەققىيات تارىخنى يورۇتۇپ بېرەلەيدۇ.نەقىشلىق بويۇملار خۇددى مۇزىكىغا ئوخشاش لىرىك ۋە يېقىملىق تۇيغۇ، ھەتتا جۇشقۇن روھ ئاتا قىلىدۇ.

  1. 1.    ئۇيغۇر نەققاشچىلىقىنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخى.

ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا، قەشقەر نى مەركەز قىلىپ شەكلى ھەر خىل،كۆركەم بولغان نەقىش سەنئىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋىتىشتىن بۇيان، ئۇيغۇر نەققاشچىلىق سەنئىتى تىز تەرەققى قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا بەلگىلىك ئىناۋەتكە ۋە تەسىرگە ئىگە بولغان. ھۈنەر بىلەن سەنئەت زىچ بىرككەن بەدىئى سەنئەتكە ئايلاندى.

  1. 2.    نەققاشچىلىق سەنئىتىنىڭ ئىستىمال قىممتى ۋە قوللىنىش دائىرىسى .

نەقىشلەرنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، بىناكارلىق، مىمارچىلىق، ئۆي جاھازىلىرى، چالغۇ ئەسۋابلار، قاتناش قوراللىرى، يىمەك-ئىچمەك، كىيىم – كىچەك، دۆلەت گېربى، پول، گېزىت- ژورنال، قاچا-قۇچا، چىنە-چەينەك، پىچاق، قەلەمتۇراچ، زىبۇ-زىننەت بويۇملىرى، باش كىيىم، ئاياغ كىيىم، سومكا، پورتمال، يول چىراغلىرى قاتارلىق تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە سىڭىپ كەتكەن.

  1. 3.    بىزەك-نەقىشلەرنى تەشكىل قىلغۇچى ئېلىمنتىلار توغرىسىدا.

بىزەك-نەقىش ئېلىمىنىتلىرى تەبىئەت دۇنياسىدىكى گۈل-گىياھ، دەل-دەرەخلەرنىڭ غول، شاخ، گۈل، غۇنچە، يوپۇرماق، بىخ، چىچەك، مىۋىلىك دەرەخ،  قاتارلىق شەيئىلەرنىڭ بىركتۈرۈلشى، ئوبرازلاشتۇرۇلۇپ، گۈزەل، كۆركەم شەكىلگە كەلتۈرۈپ، ئۆزىگە خاس نەقىش ئۈلگىلىرىنى ياراتقان.

  1. 1.    ئۇيغۇر نەقىشلىرىنىڭ تۈرلەرگە بۆلىنىشى ۋە سىزىلىش ئۇسۇللىرى

ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنئەت نەقىشچىلىقى ئۆزىنىڭ مول مەزمۇنىغا ، كۆپ خىل شەكىلگە ئىگە گۈزەل ھەم نەفىس، ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ، قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە سىڭىپ كەتكەن. بىز بۇ يەردە بىناكارلىق بىزەك نەقىشلىرى ۋە ئۆي جاھازىلىرى نەقىشلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.

نەقىش سىزىشتا ئېھتىياجلىق ئورۇننى ئۆلچەپ، بارلىق نەقىش ئىلىمىنىتلىرى گەۋدىلەنگەن نەقىشنى قەغەز يۈزىگە سىزىپ چىقىمىز.

بەزى ھاللاردا قەغەزدىن كۆچۈرۈشكە ماس كەلمەيدىغان ئورۇنلارغا بىۋاستە ياسىلىدىغان بويۇمىنىڭ ئۆزىگە سىزىپ چىقىمىز. مەسىلەن: سافانىڭ پۇتى، چاي جوزىسىنىڭ پۇتى دېگەندەك.
ئۆي بېزەكچىلىك نەقىشلىرىنى سىزشتا كۆپرەك ئىككى تەرەپكەداۋاملاشقان نەقشلەر بۇلۇڭ نەقىشلەر،مۇستەقىل نەقىشلەرتۆت تەرەپكەداۋاملاشقان نەقىشلەرنى كۆپرەك سىزىمىز.

  1. 1.    نەقىش ئويۇشقا كىتىدىغان ئەسۋاب-ئۈسكىنىلەر ۋە ئويۇش ئۇسۇللىرى

نەقىش ئويۇشقا كىتىدىغان ئەسۋاب-ئۈسكىنىلەر :⑴ ئادەتتىكى ياكى توكلۇق سىم ھەرە نەقىشلەرنى ھەرىدەپ كېسىپ ئېلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.⑵ ئويما پىچاقلار:يانتۇ بىسلىق پىچاق بولسا غول شاخ،غۇنچە،يوپۇرماق،چىچەك قاتارلىق قىسملارنى ئويۇشتا ئىشلىتىلىدۇ. تۈز بىسلىق پىچاق بولسا نەقىش ئارلىقلىرى، زىمىن ئارلىقلىرىنى تەييارلاش، تەكشىلەش، قاتارلىق جايلارنى ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ. ⑶ئورغاق شەكىللىك پىچاق بولسا شاخ،يوپۇرماق، بىخ قاتارلىق قىسملارنى ئويۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.⑷نو پىچاق بولسا گۈل، غۇنچە، يوپۇرماق، چىچەك قاتارلىق قىسملارنى ئويۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.

نەقىش پىچاقلىرىنى بىلەش ئۇسۇلى: ⑴ قۇم بىلەيدە بىلەپ تاش بىلەيدە قىلاتىنى ئېلىش. (بىلەيگە داۋاملىق سۇ قويۇپ بىلىنىدۇ) .  ⑵  قۇم چاقتا بىلەپ لاتكوپتا قىلاتىنى ئېلىش ئارقىلىق بىلەش. نەقىش ئويغاندا پىچاقنى نورمال چىڭلىقتا تۇتۇش، خىزمەت شىرەسى ۋە نەقىشنى موقۇم ئورنىتىش، دىققتىنى چاچماي، ئېھتىيات بىلەن ئويۇش لازىم. ⑶بىر قىسىم قاتتىق ياغاچلارنى ئويۇشتىن ئىلگىرى سۇ ماي بىلەن ياغلاپ، 15 مىنۇت قويۇپ، ئاندىن ئويسا پىچاق سىلىق ماڭىدۇ، ئۆرۈش بويلاپ يېرىلىپ كىتشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ⑷ دەۋىر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كومپىيۇتېر بىلەن باشقۇرۇلىدىغان نەقىش ئويۇش ئۈسكىنىلىرىمۇ كەڭ قوللىنىلماقتا. لىكىن قول بىلەن ئويۇلغان نەقىشلەرمۇ ئەتۋارلىنىپ ئىشلىتىلمەكتە. بۇمۇ دەۋىرنىڭ ئېھتىياجى بولۇپ ھېساپلىندۇ .

قەشقەر پەيزاۋات  ناھيىلىك كەسپى-تېخنىكا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن    (ئاساسلىق مەزمۇنى ئېلىندى)

مۇختەر رىشىت

shawqun:

ئىنكاس يوللاش

*

* (مەخپى)

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif

Ctrl+Enter تىز ئىنكاس قايتۇرۇش

ئەزا كىرىشتاقاش

ئەستە ساقلا پارولنى ئۇنتۇپتىمەن

ئەزا بولۇشتاقاش

小提示: 您的密码会通过填写的"电子邮箱"发送给您.