يەكەن تەقلىدىي ئوردا سىپىلى – يەكەن ئالتۇن مەيدانىنىڭ غەربىي قىسمىدا . ئۇزۇنلىقى 60 مېتىر.
1994- يىلى شىنجاڭ تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيسى «ئاماننىساخان» كىنوسىنى ئىشلەش ئۈچۈن ئوردا كۆرنىشىنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن ياسالغان،ئەينى ۋاقىتتىكى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش،قەدىمكى ئىمارەتلەرنى قوغداش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ھەسەن ئابدۇرېھىم لايىھىلىگەن(لىكىن كىنو بۇ يەردە سۈرەتكە ئېلىنمىغان)
دەسلەپكى پىلاندا ئوردا سىپىلىنى 60×60 مېتىر ئۆلچەمدە رەسمىي ئوردا ئىسكەتىدە ياساپ،كىنو سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن ،«مەدەنىي يادىكارلىقلار مۇزىيى» قىلىنماقچى بولغان،بىراق مەبلەغنىڭ كەمچىل بولىشى،يەر ئاجرىتىش قىيىن بولۇش سەۋەبىدىن پىلانغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ،ئوردا سىپىلىنىڭ سىپىل قىسمى ياسىلىپ پۈتتۈرۈلگەن.
ئالتۇن مەيداندا تەقلىدىي ئوردا سىپىلىدىن باشقا يەنە ئالتۇن مەسچىد ، ئالتۇنلۇقۇم(يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانلار قەبرىستانلىقى) ، ئاماننىساخان قەبرىگاھى .. قاتارلىق قۇرۇلۇشلار بار.
تەقلىدىي ئوردا سىپىلىنىڭ ياسىلىش سەۋەبى،جەريانى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ خىزمەتكە بىۋاستە مەسئۇل بولغان يەكەن ناھىيلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ سابىق باشلىقى،پىنسىيونىرى ئابدىقادىر داۋۇت ئاكا بىلەن بىۋاستە سۆھبەت مەزمۇنىغا دىققەت قىلغايسىز
.
يەكەن ئالتۇن مەيدانى
ئالتۇن مەسچىد
ئالتۇنلۇقۇم(يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانلار قەبرىستانلىقى)
ئاماننىساخان قەبرىگاھى
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش