زۆرەم ياسىن ،ئۇيغۇر،1958-يىلى شىنجاڭ ئاقچى ناھىيسىدە تۇغۇلغان. 1978-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ گۈزەل سەنئەت فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن ۋە شۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. 1978-يىلدىن 1980-يىلغىچە گۇۋاڭجۇ گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ماي بوياق فاكۇلتىتىدا ئىككى يىل بىلىم ئاشۇرغان.
1996-يىلى 4-ئايدىن 1998-يىلى 3-ئايغىچە تەشكىلنىڭ ئېۋەتىشى بىلەن ياپۇنىيە كۇراشكى سەنئەت تېخنىكا ئۇنۋېرىستىتىدا ئوقۇغان.
1998-يىلى 4-ئايدىن 2000-يىلى 3-ئايغىچە ياپۇنىيە گاڭشەن دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتىتىدا گۈزەل سەنئەت مائارىپى كەسپىدە ئوقۇغان ۋە ماگستىرلىق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن.2000-يىلى 4-ئايدىن 2001-يىلى 5-ئايغىچە ياپۇنىيە گاڭشەن دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتىتىدا،2003-يىلدىن 2004-يىلى 3-ئايغىچە ياپۇنىيە توكيو سەنئەت ئۇنۋېرسىتىتىدا تەكلىپلىك تەتقىقاتچى بولغان.
ھازىر جۇڭگۇ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى،شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى،مۇئاۋىن پروفېسسور،شىنجاڭ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش