جۇڭگو رەسساملار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ،شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ مەدەنىيەت تارىخ ئىدارىسىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ رەسساملار ئاكادىمىيسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئاتاقلىق جۇڭگوچە رەسىم رەسسامى تۇردى ئىمىن ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ رەسسامى، شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ياش تالانتلىق رەسسام ئەسقەر تۇردى روسيەدە سانپېتىربۇرگ مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ تەكلىۋى بىلەن 6- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 7- ئاينىڭ 7- كۈنىگىچە سان پېتىربۇرگ خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش رەسىم كۆرگەزمىسىنى غەلبىلىك ئۆتكۈزدى. كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا روسىيە مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە جۇڭگونىڭ سانپېتىربۇرگدا تۇرۇشلۇق كونسۇلنىڭ باش ئەلچىسى لى ياچى ئەپەندى ۋە كونسۇلنىڭ مەدەنىيەت مەسئۇلى قاتنىشىپ تەبرىك سۆزى قىلدى.
كۆرگەزمىگە تۇردى ئىمىن ۋە ئەسقەر تۇردىنىڭ 80 پارچە جۇڭگوچە رەسىم ۋە ماي بوياق ئەسىرى قويۇلغان بولۇپ چەتئەللىك رەسساملار ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ يۇقىرى باھاسى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى.
6- ئاينىڭ 30- كۈنى روسيە دۆلەت مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ،سانپېتىربۇرگ مەدەنىيەت ئىدارىسى ، سان پىتىربۇرگ ئېرمىتاش دۆلەتلىك مۇزىيى ، سان پېتىربۇرگ خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى بۇ ئاتا – بالا رەسسامنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى نەتىجىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئۇلارغا ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئاكادىمىك ئۇنۋان دېپلومىنى بەردى.
بۇ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدە رەسساملارغا بېرىلگەن تۇنجى ۋە ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋان ھېسابلىنىدۇ.
2013-10-13 05:34:33 گىلەم
ئۇستازلىرىمىز ھەقىقەتەن پەخىرلەنگىدەك ئىش قىلىپتۇ.