ۋېناس، «مىلوستىكى ۋېناس»«بىلەكسىز ۋېناس»«ۋېناس ئوبرازى»دىگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. 1820-يىلى ئائېگىئان دېڭىزىدىكى مىللوس ئارىلىنىڭ غارىدىن تېپىلغان بولغاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان. بۇ ھەيكەل بايقالغان چاغدىلا ئىككى بىلىكى يوقالغان بولسىمۇ ، بىر پۇتۇن گەۋدىنىڭ گۈزەللىكىگە نوقسان يەتمىگەن. ھەيكەلنىڭ ئېگىزلىكى 2.04مېتىر بولۇپ،ئېغىرلىق مەركىزى ئوڭ پۇتقا چۈشكەن،سول پۇت بىمالال ھالەتتە تۇرغان بولۇپ ئازراق ئىگىلگەن. بەدىننىڭ بىر تەرىپى نىسبەتەن تۈز بولۇپ،يەنە بىر تەرىپىدە ئەگرى سىزىق دولقۇنلىنىپ «S» شەكلىنى ھاسىل قىلىپ ئاياللارنىڭ گۈزەل بەدەن تۇرقىنى ھاسىل قىلغان . بەدەننىڭ تۆۋەنكى قىسمى كىيىم بىلەن ئورالغان بولۇپ،بەدەننىڭ ئوچۇق ۋە تۇتۇق جايلىرى بىرىنى بىرى تولدۇرۇپ تېخىمۇ يوشۇرۇن مەنىگە ئىگە قىلغان.
يۇنانلىقلار ۋېناسنىڭ خىلى جىق ھەيكىلىنى ياسىغان بولسىمۇ «مىللوستىكى ۋېناس»شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ تارقالغان ۋە ئەڭ مەشھۇرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇھەيكەل: يۇنان ئىلاھلىرى ئىنسان گۈزەلىكىنىڭ مەركەزلىك ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ،شۇنداقلا سىرتقى شەكىل گۈزەللىكى بىلەن روھىي گۈزەللىكنىڭ بىرلىكىنىڭ سىموۋلى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىپادىلەپ بىرىدۇ.
بۇ ھەيكەل ھازىر فىرانسىيە پارىژدىكى لوۋىر سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان بولۇپ ، لوۋىر سارىيىدىكى «ئۈچ چوڭ گۆھەر»بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش