ئاتەش توربىكىتىدىكى ئەزالار بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى ئەڭ ئالىي تىلەكلەر بىلەن قۇتلۇقلايمىز.
سىلەرنىڭ توربىكىتىمىزنى قوللىغىنىڭلارغا ،ياخشى تەكلىپ- پىكىرلەرنى بەرگىنىڭلەرغا رەىمەت ئىيتىمىز.بارلىق دوستلارنىڭ قۇربان ھېيتىنىڭ ئىمانلىق ، مەنىلىك ،كۇنلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ،خۇشال -خۇرام ئۆتىشىنى تىلەيمىز.
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمىز!
«بىز ئەڭ ياخشىسى ئەمەس ،بىراق ئەڭ ياخشىسى بولۇشقا تىرىشىمىز»
2011-11-08 15:30:52 گىلەم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. سىزنىڭمۇ قوربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن .
قۇربان ھېيتنى خۇرسەنلىك ئىچىدە ئۆتكۈزىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.
[Reply]
ئاتەش Reply:
نويابىر 18th, 2011 at 10:45
رەھمەت، بىرگە بولسۇن. سىزنىڭمۇ ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
[Reply]
2011-11-09 23:38:10 كىگىز
چىرايلىق لاھىيەلەپسىز .سىزنىڭمۇ ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !
[Reply]
ئاتەش Reply:
نويابىر 18th, 2011 at 10:46
سىزنىڭمۇ ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
[Reply]
2011-11-11 11:48:06 3#
سىزنىڭمۇ قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. بەك كۆركەم لايىھىلەپسىز!
بولۇپمۇ پەي بار رەسىم بەك ئېسىل چىقىپتۇ! قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!
[Reply]
2011-11-14 13:13:05 4#
بلوگىڭىزنى سىپەم بېسىپ كەتكەندەك قىلىدۇ جۇمۇ ئاتەش ئەپەندى.
بايا بىرمۇنچە جۆيلۈپ، يېڭى يازمىدىن بىرنى روياپقا چىقىرىپتىمەن. قەدەم تەشرىپ قىلىپ پاراڭ سەپ قوياڭلار،بۇنداق جىق گەپ ساتمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن. ئادرېس:http://boretegin.com/?p=639
[Reply]
ئاتەش Reply:
نويابىر 15th, 2011 at 14:57
راست، بلوگنى سىپەم بېسىپ كەتتى، يا ئۆچۈرۈپ بولالمىدىم، شۇڭا بلوگقا كىرگۈممۇ كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى.
[Reply]