ئابدۇكېرىم نەسىردىن 1947-يىلى ئۈرۈمچى شەھرىدە تۇغۇلغان. 1963-يىلى مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستىتوتى سەنئەت فاكولتىتىنىڭ رەسساملىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن.
1981 – يىلى مەركىزى گۈزەل سەنئەت فاكولتىتىنىڭ ئاسپىرانتلىق سىنىپىنى پۈتتۈرگەن .
1988-1989- يىللىرى پارىژدىكى خەلقئارا مەدەنىيەت شەھرىدە بىلىم ئاشۇرغان . ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ، بېيجىڭ ، پارىژ ، ئالما-ئاتا ، بېشكەك بۇرۇنىيە ، شىياڭگاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدە شەخسى رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن ـ ياۋروپا ، ئوتتۇرا-ئاسىيا ، شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە سەنئەت تەكشۈرۈش ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئېلىپ بارغان . بەدىئى ئەسەرلىرى ۋە ئىلمى ماقالىلىرى مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان، كۆپلىگەن ئەسەرلىرى مۇزىيلاردا ساقلانماقتا .
ئابدۇكېرىم نەسىردىن ھازىر دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك رەسسام،جۇڭگۇ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ، ماي بوياق رەسىم سەنئىتى ھەيئىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ، جۇڭگۇ ماي بوياق رەسىم ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئىتى ، شىنجاڭ رەسىم ئاكادىمىيىسىنىڭ باشلىقى .
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش