1- دەرس: V-ray1.5 بىلەن دەسلەپكى تونۇشۇش
1- Vray نى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش:
Vray Adv1.5 ــ 3DS MAX نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھاسىللاش قىستۇرمىسى بولۇپ، قايسى نەشىرى بولىشىدىن قەتئىينەزەر 3DS MAX6.0 نەشىرىدىن كېيىنكى نەشىرلىرىنى قوللايدۇ.
Vrayــ 3DS MAX نى قىستۇرما بىلەن تەمىنلەيدىغان داڭلىق شىركەت Chaos group نىڭ بىر تۈرلۈك كىچىك ،ئەمما ئىقتىدارى كۈچلۈك ھاسىللاش قىستۇرمىسى.
Chaos group نىڭ يەنە تەتقىق قىلىپ ئىشلىگەن sim cloth (ھەقىقىي تۇيغۇدىكى رەخت ھاسىللاش قىستۇرمىىسى)، Phenix (ئوت-يالقۇنى ھاسىللاش قىستۇرمىسى) ۋە shag ful (يۇڭ-تۈك ھاسىللاش) قاتارلىق قىستۇرمىلىرى بار.
Vrayــ نۆۋەتتىكى مۇنەۋۋەر ھاسىللاش قىستۇرمىلىرىنىڭ بىرى،بولۇپمۇ ئۆي ئىچى-سىرتى ئۈنۈم خەرىتىسى ئىشلەشتە Vray سۈرئىتى تېز، ھاسىللاش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى ھاسىللاش يۇمشاق دېتالى بولالايدۇ.
Vray نىڭ ھاسىللاش ئۇسۇلى ــ * فوتون ئارقىلىق ھىسابلاش ئېلىپ بارىدۇ . بۇنىڭغا ئەگىشىپ، كۆپلىگەن ئۈنۈم خەرىتىسى ئىشلەش ئەمىلىيتىدە Vray نىڭ مۇكەممەللىكى ئىسپاتلاندى.
Vray نىڭ ئالاھىدىلىكى:
1) چىنلىق(ھەقىقىيلىك) ــ Vray دىن پايدىلىنىپ، ئەسەر ئىشلىگەندە فوتو-سۈرەت دەرىجىسىدىكى ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدىغان بولۇپ، ھەتتا كىشلەرگە يالغاننى راست كۆرسىتىشتەك ئۈنۈمگە تەتكىلى بولىدۇ. كۆلەڭگىسى ئىنتايىن تەبئىي، ماتېرىياللارنىڭ ئىپادىلىنىشى ئىنتايىن جايىدا.
2) ئومۇميۈزلىكى ــ Vray دا ئۆي ئىچى-سىرتى ئۈنۈم خەرىتىسى ، قۇرۇلۇش مەنزىرىسى ئۈنۈم خەرىتىسى ،تېلىۋىزىيە ئېلانچىلىقى، سانائەت مودىلى قاتارلىقلارنى پۈتۈنلەي ئىشلىگىلى بولىدۇ.
3) جانلىقلىق ۋە يۇقىرى ئۈنۈملىكلىكى ــ ئەمىلي ئىھتىياجغا قاراپ پارامېتىرلارنى تەڭشەپ ،خالىغان ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ ، پارامېتىرلارنى تۆۋەن تەڭشەپ،تېز سۈرئەتتە ھاسىللاش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ،ئەگەر ئەسەرنىڭ سۈپەت تەلىپى يۇقىرى بولۇشنى تەلەپ قىلغاندا ھاسىللاش پارامېتىرلىرىنى يۇقىرى تەڭشەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەسەرلەرنى ھاسىلللاپ چىققىلى بولىدۇ.
Vray نىڭ نەشىرى :
Vray نىڭ نەشىر تەرەققىياتىغا قارايدىغان بولساق ،ئاساسلىق 3باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، دەسلەپكى باسقۇچ: ئاساسلىقى 1.09 نەشىر باسقۇچى ، ئىككىنچى قېتىملىق باسقۇچ: 1.47 نەشىر باسقۇچى (ئاساسلىقى 1.45 نەشىرىدىن 1.49 نەشىرىگىچە بولغان باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
ئۈچىنچى قېتىملىق باسقۇچ: 1.5 نەشىرى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىر باسقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (1.5 نەشىرىدىن كېيىن «چىراغ نۇرى بۇففىرى» ئەندىزىسى، Vray كامىراسى، Vray ئوبىيكىتلىرى، ماتېرىيال سۈپىتى تۈرلىرى، چاپلىما رەسىم تۈرلىرى، چىراغ نۇرى تۈرلىرى، ئالاھىدە ئۈنۈم تۈرلىرى قاتارلىق 7خىل ئىقتىدار يېڭىدىن قوشۇلدى)
فوتون ــ نۇرنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسىي زەرىچە ، ئۇ بەلگىلىك ئېنىرگىيەگە ئىگە بولۇپ، يورۇقلۇق ئېنىرگىيەسىنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئېنىرگىيەسى نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىقىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، دولقۇن ئۇزۇنلىقى قانچە قىسقا بولسا فوتوننىڭ ئېنىرگىيەسى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ دەرسلىك V-ray1.5 نى دەسلەپكى ئۈگەنگۈچىلەرگە ماس كېلىدىغان بولۇپ، بۇ دېتال توغرىسىدا ئۇيغۇرچە دەرسلىك بولماسلقىنى كۆزدە تۇتۇپ ،ھەقسىز ئىشلەندى. سەۋىيەم چەكلىك بولغانلىقتىن دەرسلىكتە بىرقىسىم خاتالىقلار بولىشى مۇمكىن، تورداشلارنىڭ ۋە كەسىپداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن.
دەرسلىكنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۋىلىڭ.(تۆۋەندىكى ئادېرىسنى چاقماققا چاپلاپ چۈشۈرۈڭ)
115 تور دېسكىسىغا ئەزا بولسىڭىز بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
2011-02-08 18:57:42 گىلەم
مەن گەرچە max تا mental ray نى كۆپىرەك ئىشلەتسەممۇ ، Vray نى ئىشلىتىپ باقماپتىكەنمەن . مەنمۇ بىر سىناپ باقاي. رەھمەت سىزگە.
[Reply]
2011-02-10 12:38:42 كىگىز
بۇ دەرىسلىكلەر بەك ياخشى بوپتۇ . چۈشۈرۈپ ساقلىۋالدىم . Vray ھەقىقەتەن ياخشى ھاسىلىلىغۇچ. ئەمگىكىڭلاغا بارىكاللا !
[Reply]
2011-02-15 01:20:58 3#
مەنمۇ ئۆگىنىشنى باشلىدىم ئەمىسە….
سىزمۇ wordpress كە كۆچۈۋالمامسىز بولمىسا.
ھە. راسىت، تاس قاپتىمەن ئۇنتۇپ قالغىلى .. ئىزدەن بىلوگى ئۆي كۆچتى.
يېڭى مەنزىل: http://www.izdengin.com
[Reply]
2011-02-19 04:41:04 4#
بولسا مۇشۇ دەرسلىكلەرنى فىلىمگە ئېلىش دېتالىنى دەرسلىك قىلىپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز، ئېكران تۇتىدىغان دېتاللار ناھايىتى كۆپكەن قايسىس ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن.
[Reply]
2011-02-25 20:44:42 5#
ھەقىيقەتەنمۇ ئېسل يازما بولۇپتۇ. بۇلارنى ساقلىۋېلىپ ئۈگەنسەم بولغىدەك. ھەمدەمدە بولارسىز قېرىندىشىم. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
[Reply]
2011-06-21 04:54:08 6#
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز ، مەن ھازىر شەھەر پىلانلاش كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ،ھازىر ئوگۈنۈش ئېھـىياجى بۇلۇپ قالدى ، بۇ دەرسلىكلەرنى چۈشۈرەلمىدىم ، مۇمكىن بولسا ماڭا ئەۋەتىپ بېرەلەرسىزمۇ ، رەخمەت ،سىزنى ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم ،119346799@qq.com
[Reply]
2011-06-21 04:57:08 7#
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز ، مەن ھازىر شەھەر پىلانلاش كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ، 3DS MAX, V-ra
ئوگۈنۈش ئېھـىياجى بۇلۇپ قالدى ، بۇ دەرسلىكلەرنى چۈشۈرەلمىدىم ، مۇمكىن بولسا ماڭا ئەۋەتىپ بېرەلەرسىزمۇ ، رەخمەت ،سىزنى ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم ،119346799@qq.com
[Reply]
ئاتەش Reply:
ئىيۇن 24th, 2011 at 16:18
دەرسلىكىنى چۈشۈرۈش ئادېرىسىنى ئېلخەتكە يوللاپ قويدۇم، چۈشمىسە ئۇچۇر قىلىۋىتىڭ، مەن باشقا بوشلۇققا قاقايتا يوللاپ قوياي.
[Reply]
2011-06-27 12:29:47 8#
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! V-ray دىن ئۇيغۇرچە دەرسلىك ئىشلەپ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر! دەرسلىكىڭىزنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ كۆرۇپ باقتىم! ھەقىقەتەن ياخشى تۈزۈپسىز! ئەمگىكىڭىزگە بارىكاللا! لېكىن دەرسلىكنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنىڭ پەقەت 7-دەرس قىسىمىنىلا چۈشۈرەلىدىم، مۆمكىن بولسا تۈزۈپ بولغان دەرسلىكلىرىڭىزنىڭ باشقا بۆلەكلىرىنىڭمۇ سۈزۈك نۇسخىسىنى تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تورغا يوللاپ قويغان بولسىڭىز سىزدىن تېخىمۇ مىننەتدار بولغان بولاتتم!
[Reply]
ئاتەش Reply:
ئىيۇن 27th, 2011 at 13:19
دەسلەپتە بوشلۇققا يوللىغاندا نورمال ئىدى، كېيىن قارىسام 1-ۋە 7-دەرستىن باشقىلىرىغا چەكلىمە بولۇپ قاپتۇ، سەۋەبىنى تازا ئېنىق ئۇقالمىدىم، مەن باشقا بوشلۇققا يوللاپ قوياي.
[Reply]
2011-06-27 19:23:01 9#
سىز بىلەن توردا لايىھە ئەسەرلەر توغرۇلۇق ئايرىم پىكىرلەشكۈم كېلىۋاتىدۇ، قولايسىز كۆرمىسىڭىز كوت-كوت نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز! ئەگەر بىئەپ كۆرسىڭىز QQ:443151254 نى ئوزىڭىزنىڭ كوت-كوتىڭىزغا قۇشۇۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ! مەنمۇ ئىلگىرى 3D max تىن دەرسلىك تۈزۈپ باققان ئىدىم، خالىسىڭىز دەرسلىك تۈزۈش ۋە تارقىتىش ۋەلايىھە ئەسەرلەر توغرىسىدا سىز بىلەن ئايرىم پىكىرلەشسەم! كوت-كوت بوشلۇقۇمدىكى ئەسەرلىرىمگە كۆز يۈگۈرتىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ ھە! ھى…ھى…ھى…! فىلىم ئەسەرلىرىم http://mahmut3d.56.com دا. ۋاقتىڭىز چىقسا كۆز يۈگۈرتۈپ قويارسىز!
[Reply]
2011-07-19 10:48:14 10#
ماتېرىيال ۋە ھاسىلىلاشقا ئائىت دەرسلىكلەردىن يەنە ئازىراق يوللاپ بەرسىڭىز بولاتتى! دەرسلىكنى ياخشى ئىشلەپتىكەنسىز! بولۇپمۇ Vray دىن كۆپرەك دەرسلىك يوللاپ قويسىڭىز بولاتتى!
[Reply]
ئاتەش Reply:
ئىيۇل 20th, 2011 at 14:27
بۇنىڭدىن كېيىن ۋاقىتتىن-ۋاقىت چىقىرىپ، دەرسلىك ئىشلەشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز، سىزمۇ دەرسلىك ئىشلىسىڭىز بولاتتى، ئۆزىڭىزنىڭ بلوگىڭىزدا بولامدۇ مەزكۇر بلوگدا بولامدۇ تارقاتقان بولساق.
[Reply]
2011-08-04 13:15:05 11#
رەھمەت سىزگە مەن مۇشۇنداق دەرىسلىككە بەك ئىھتىياجىلىق ئىدىم .
[Reply]
ئاتەش Reply:
ئاۋغۇست 4th, 2011 at 14:35
ئەرزىمەيدۇ، دەرسلىك چۈشتىمۇ؟
[Reply]
ئىرشاد Reply:
ئاۋغۇست 13th, 2011 at 00:08
چۈشتى .
[Reply]
2011-08-04 16:54:35 12#
دەرسلىكنى پات ئارىدا ئىشلەپ پۇتكۈزۈپ بوشلۇققا يوللاپ قويىمەن! ھازىر دەرسلىك توغرىسىدا پىلان تۈزىۋاتىمەن! يوللىغان دەرسلىكلەردىن سىزنى خەۋەردار قىلىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن! لايىھەچىلىكىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ھەمكارلىشايلى!
[Reply]
ئاتەش Reply:
ئاۋغۇست 5th, 2011 at 12:54
ئۇنداقتا خەۋىرىڭىزنى كۈتىمەن.
[Reply]