سفىنكىس – شىر تەنلىك ، ئادەم يۈزلۈك ھەيكەل. قەدىمقى زاماندىكى بىرخىل غايەت زور تاش ھەيكەل بولۇپ، ئادەتتە شىر تەنلىك ياكى ھايۋان تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك قىلىپ ياسالغان. ئەڭ داڭلىق سفىنكىس قەدىمقى مىسىرنىڭ تۆتىنچى سۇلالىسىنىڭ فىرئەۋىنى ھافرا قاھىرە ئەتراپىدىكى گىزا(Giza) دېگەن جايدا ئۆز ئىھرامىنىڭ يېنىغا ياساتقان سفىنكىس بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 20 مېتىر، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 57 مېتىر كېلىدۇ. بۇ سفىنكىس بىر پارچە غايەت زور قورام تاشتىن ئويۇپ ياسالغان ، ئېيتىلىشىچە يۈزى ھافرانىڭ يۈزىگە تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، فىرئەۋىنلەرنىڭ سۈرلۈكلىكىنىڭ سىموۋلى ئىكەن. ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ناپالېئون يىراققا يۈرۈش قىلىپ مىسىرغا بېسىپ كىرگەندە، بۇ سفنىكىسقا فىرانسىيە ئارمىيسىنىڭ زەمبىرەك ئوقى تېگىپ كېتىپ، يۈز قىسمى زەخمىلەنگەن. قەدىمقى ئاسسۇرىيە ۋە فىنكىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ سفىنكىسلار بولۇپ، تولىسى مىسىرنىڭكىگە تقلىد قىلىپ ياسالغان. ھازىر «سفىنكىس» دېگەن سۆز كۆپىنچە ئىمارەتلە ياكى ھۈنەر- سەنئەت بويۇملىرىنى بېزەيدىغان ھەرخىل ئادەم باشلىق، كالا باشلىق، قوي باشلىق ھايۋان تەنلىك نەقىشلەرنى كۆرسىتىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن «ئوكيانۇس» لۇغىتىدىن ئېلىندى.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش