جۇڭگۇچە رەسىم – قىسقارتىلىپ دۆلەت رەسىمى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇئلىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى رەسساملىقى بولۇپ، دۇنيانىڭ گۈزەل سەنئەت ساھەسىدە ئۆز ئالدىغا بىر سىستېما بولۇپ شەكىللەنگەن شەرق رەسساملىقىدىكى مۇھىم رەسىم تۈرىدۇ.
ئۇ جۇڭگۇنىڭ ئۆزىگە خاس موي قەلىمى،سىياسى،رەڭلىرى بىلەن شۈەنجى قەغىزى،تېرە قەغەز ياكى شايىغا سىزىلىدىغان رەسىم تۈرىدۈر. جۇڭگۇچە رەسىمدە قەلەم ،سىياھ سىزىقلار ئاساسىي شەكىل يارىتىش ۋاستىسى قىلىنىدۇ. روھنى ئىپادىلەيدىغان ئوي – پىكىر تەسۋىرى ئارقىلىق ئىسىتېتىكىلىق ئىزدىنىپ،شەيئىلەرنىڭ ماھىيتىنى ئىپادىلەشكە ئىتبار بېرىلىدۇ. ئىجادىيەتتە كومپۇزۇتسىيە ۋاقىت،ئورۇن،ۋە فوكۇسلۇق پىرسپىكتىۋنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. بوشلۇقنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىنتايىن جانلىق بولۇپ،رەسىمدىكى ئاق ئورۇندىن پايدىلنىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدۇ.
كونكىرېت شەكىل يارىتىش جەھەتتە، بەزىلىرى سىزىقنى ئاساس قىلىدۇ، بەزىلىرى سىياھ ۋە رەڭ قاتلاملىرىنى ئاساس قىلىدۇ. شۇڭا ئىپادىلەش شەكلى ئۆزگىچەبولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يېزىق،خەتتاتلىق ، مۆھۈر(تامغا) بىلەن رەسساملىقنىڭ ئورگانىك بېرلىشىشىنى تەكىتلەيدۇ.
جۇڭگۇچە رەسىم ئادەم رەسىمى،تاغ-دەريا رەسىمى،گۈل-گىياھ ، ئۇچار-قۇش رەسىملىرى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. تېخنىكىلىق قائىدە جەھەتتە، نەپىس تەسۋىر، ئوي-پىكىر تەسۋىر(مەنا تەسۋىر)دېگەندەك ئايرىلىدۇ. رەسىمنىڭ بەت شەكلى تىك ئاسىدىغان يۆگىمە، توغرا ئاسىدىغان يۆگىمە قاتلىما، يەلپۈگۈچ رەسىم شەكىللىرىدە بولىدۇ.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش