ئىلاۋە:
ھۆرمەتلىك كۆرۈرمەن، بۇ قېتىملىق يازمىمىزدا تونۇشتۇرماقچى بولغان ئۇستازىمىز قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مۇختەر مۇھەممەدنىياز، مۇختەرئاكام گەرچە گۈزەل سەنئەت كەسپىدە ئوقۇمىغان بولسىمۇ ، ئۆزىنىڭ گۈزەل سەنئەتكە بولغان قىزىقىشى ۋە تىرىشچانلىقلىرى بىلەن بەلگىلىك تەسىر ۋە نەتىجە ياراتقان كىشىلىرىمىزنىڭ بىرى.
ئۇنىڭ تىنىمسىز تىرىشىش روھى ۋە كىچىك پېئىل خارەكتىرى ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئۈگۈنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
مۇختەر مۇھەممەدنىياز ، 1967-يىلى تۇغۇلغان، 1984-يىلدىن 1986-يىلغىچە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئومۇمىي پەن سىنىپىدا ئوقۇغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شۇ مەكتەپكە ئېلىپ قىلىنغان.ھازىرغىچە مۇشۇ مەكتەپتە گۈزەل سەنئەت كەسپى بىلەن شۇغۇللانماقتا.
ئۇنىڭ ھۆسنىخەت ئەسەرلىرى 1986-يىلدىن باشلاپ ،تۈرلۈك گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ھەمدە ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك ھۆسنىخەت مۇسابىقىلىرىدە 1-2- دەرىجىلەرگە ئىرىشكەن. ئۇ 1998-يىلدىن باشلاپ قاپاق ھۈنەر-سەنئىتى ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، ھۆسنىخەت ئىجادىيتىنى قاپاق ھۈنەر-سەنئىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قاپاق سەنئىتى ئەسەرلىرىنى بازارغا يۈزلەندۈرگەن.
ئۇنىڭ دەسلەپكى ئەسەرلىرى ئىچىكىرى ئۆلكىلەردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن.
ئۇ يەنە ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنئەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، بىرقىسىم ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرى مەجمۇئەسى «كېگىز، شىرداق، پالاس ئۆرنەكلىرى» ،«باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئېلىپبە تاپشۇرۇقى» قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈشكە قاتناشقان.
ئۇ ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
2011-02-24 16:05:14 گىلەم
نىمىدىگەن ئېسىل ئەسەرلەر بۇ..مەنمۇ ئوقۇۋاتقان چاغلاردا خىلى ھەپلىشەتتىم ھۆسىنخەت بىلەن ھازىر تورمۇش ھەلەكچىلىكى ئالدىغا سىلۋالدى دىسە..
[Reply]
2011-02-25 20:42:12 كىگىز
قاپاققا خەتنى بەك ئېسىل ئويىدىكەن. مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلىرىىڭىز ئۈزۈلمىگەي قېرىندىشىم.
[Reply]
2011-02-26 02:59:13 3#
نىمىدىگەن ئېسىل ئەسەرلەر -ھە!…مەنمۇ بۇرۇن ئانچە-مۇنچە ھۆسىنخەت بىلەن ھەپلىشەتتىم ، ھازىر خىزمەت بىزنى ئالدىغا سىلۋالدى دىسە…
[Reply]
2011-03-02 23:44:10 4#
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن سىزنى ئۇ؛ىنىش قىلىپ قويغىلى 1-يىل بولاي دىدى؟ سىزمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز ؟
[Reply]
2011-03-02 23:44:38 5#
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن سىزنى ئۇ؛ىنىش قىلىپ قويغىلى 1-يىل بولاي دىدى؟ سىزمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز ؟
[Reply]
2011-03-08 00:37:21 6#
بولسا مۇشۇ كىشىدەك ئۇستازلىرىمىز بىلەن كۆپرەك تونۇشتۇرۇپ قويارسىز،ئىشقىلىپ ھۆسىنىخەت دىسە بەكلا ياقتۇرىمەن جۇمۇ.
[Reply]
2011-06-22 19:08:56 7#
That’s way the bsetest answer so far!
[Reply]
2011-07-04 07:49:57 8#
ئۇستازىمىزنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرىنى تورداشلارنى ھۇزۇرىغا سۇنغانلىقىدىن تولىمۇ سۈيۈندۈم، بۇ ئۇستازنىڭ تېخىمۇ نادىر ئەسەر يارىتىشىغا تىلەكداشمەن! ھارمىغايسىز ئۇستاز!
[Reply]
2011-07-16 09:03:20 9#
قول-ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن سەنئەت بىرلەشسە يەنە باشقىچە ھوزۇردە. قالتىس
[Reply]