كىرىش سۆز
ئاتەش لايىھىلەش ئىشخانىسى 2008-يىلى 11-ئايدا قۇرۇلغان ئىشتىن سىرت تەكشىلىكتە ۋە ئۈچ ئۆلچەمدە لايىھىلەشنى ئاساس قىلغان خىزمەت ئىشخانىسى بولۇپ،گەرچە لايىھىلەش ئىشخانىسىنىڭ ئەسلىھەلىرى ۋە خىزمەت شارائىتى كەسپىي لايىھىلەش ئىشخانىلىرىنىڭ تەلىپىگە يىتەلمىسىمۇ ،لايىھىلەش ئىشخانىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىزچىل تۈردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ،ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنۈپ مۇكەممەلىشىش ئارقىلىق بىر قىسىم تەكشىلىك لايىھەلىرى ۋە ئۈچ ئۆلچەم لايىھەلىرىنى ئىشلەپ چىقىتى.
2009-يىلى 5-ئايدا «ئاتەش گۈزەل سەنئەت بلوگى»نى قۇرۇپ چىقىپ،گۈزەل سەنئەت ئىشلىرىمىزنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇ قېتىملىق لايىھە ئەسەرلىرى تور كۆرگەزمىسىگە قارىتا قىممەتلىك تەكلىپ پىكىلرلەرنى بېرىشىنى ، لايىھىلەش ئىشخانىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا ئۈمۈدۋار پوزىتسىيەدە بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
لايىھىلەش ئىشخانىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات نىشانى:
1. مەخسۇس كومپيۇتېر گرافىك تەربىيلەش مەركەزلىرىگە ياكى لايىھىلەش سىتۇدىيلىرىگە بېرىپ،مۇنتىزىم تەربىيلىنىش ئارقىلىق تېخنىكىدا يۈكسىلىش ھاسىل قىلىش.
2.لايىھىلەش ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت شارائىتىنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ياخشىلاشقا تىرىشىش،كەسپىي جەھەتتە كەسپىي لايىھىلەش سىتۇدىيلىرى ۋە كەسىپداشلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ،مەلۇم كۆلەم ھاسىل قىلىش ، ماركا ئېڭىنى يۇقىرى كۆتىرىش.
ئەڭ ياقتۇرىدىغان سۆزىمىز:
بىز ئەڭ ياخشىسى ئەمەس ، بىراق ئەڭ ياخشىسى بولۇشقا تىرىشىمىز.
تەكشىلىك لايىھەلىرى:
تۆۋەندىكى تور بەت ۋە بلوگ لايىھەلىرى لايىھىلەش ئىشخانىمىزنىڭ مۇستەقىل لايىھىلىگەن تەكشىلىك لايىھەلىرى بولۇپ،لايىھىلەش ئىشخانىمىزنىڭ ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ،شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تورچىلىقىغا مەلۇم دەرىجىدە ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن.
گەرچە بۇ لايىھەلەرنىڭ بىرقىسمىلرى لايىھىلەش پىكىر يولى توغرا بولماسلىق ۋە بەزىبىر تېخنىكىلىق مەسىلىلەر تۈپەيلى ئىشلىتىلمىگەن بولسىمۇ كۆپ قىسمى مۇناسىۋەتلىك تور بەت ۋە بلوگلاردا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.
ئىشلەتكەن يۇمشاق دېتال: Adobe Photoshop Cs3
1. يوليار تورىغا لايىھە:
يوليار تورى : http://www.yolyar.com /
2.روھلان تورىغا لايىھە:
يۇقارقى لاھىيە ھازىر روھلان تورىنىڭ ئەزالار باش سۈرىتى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.
روھلان تورى : http://bilim.rohlan.biz /
3. خىيالىم گۈزەل سەنئەت مۇنبىرىغا لايىھە
يۇقارقى لايىھەنى ھازىر «خىيالىم گۈزەل سەنئەت مۇنبىرى» ئىشلىتىۋاتىدۇ.
مەنزىل : http://www.xjhiyalim.com/BBS /
4. «شاھ ئۇيغۇر ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم بلوگى» غا لايىھە
لايىھەنى ھازىر «شاھ ئۇيغۇر بلوگى» دا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.
مەنزىل: http://www.shahblog.net/
5. «بارخان بلوگى»غا لايىھە
مەنزىل: http://barhan88.blogbus.com/
6. «ياخشىلىق بلوگ سۇپىسى» غا لايىھە
يۇقارقى لايىھەنى ھازىر «ياخشىلىق بلوگ سۇپىسى» ئىشلىتىۋاتىدۇ.
مەنزىل: http://www.yahxilik.com/
7. «زىرەك تورى» غا لايىھە
تور بېكەت جىددى ياسىلىۋاتىدۇ.
بلوگلارغا لايىھىلەنگەن لوگولار:
«ئۈچ ئۆلچەم» لايىھەلىرى :
ئىشلەتكەن يۇمشاق دېتاللار:
3DS MAX 9.0 , V-Ray1.5 photoshop cs3
2011-01-01 22:22:23 گىلەم
ياخشى لاھىيلەپسىز خىلى تالانتىڭىز باركەن كەمىنىگىمۇ ب ىرەنى لاھىيلەپ بەرمەمسىز
[Reply]
2011-01-01 22:22:48 كىگىز
ئەسسالام ئەلەيكۇم. يۇقارقى ئەسەرلىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ.
[Reply]
2011-01-01 22:28:41 3#
بۇ لاھىيەلىرىڭىز ھەقىيقەتەنمۇ بىر-بىرىسىدىن ئېسىل چىققان لاھىيەلەر ئىكەن. تالانتىڭىزغا قايىل بولدۇم قېرىندىشىم. ئاتەش گۈزەل-سەنئەت بلوگىنىڭ تېخىمۇ دادىل قەدەملەر بىلەن ئىلگىرلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!
[Reply]
2011-01-01 22:32:29 4#
ئىشلىرىڭلار بەرىكەتلىك بولسۇن ، مەن ئىشىنىمەن ،ئاتەش گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسىنىڭ ئىسىل كۈنلىرى تېخى ئالدىدا !
[Reply]
2011-01-01 22:44:17 5#
ھەقىقەتەن كۆزنىڭ يېغىنى يېگۈدەك ئۇز ئەسەرلەركەن! ئاپىرىن !
[Reply]
2011-01-02 01:00:07 6#
سالام دوستۇم بۇ كۆرگەزمىڭىزدىكى لايىھلىگەن رەسىملىرىڭىز مەن ئويلىغاندىنمۇ كۆركەم چىرايلىق چىقىپتۇ، قوللىرىڭلارغا دەرت بەرمىسۇن
[Reply]
2011-01-02 10:40:34 7#
ياخشى ياساپ چىقىپسىلەر .قابىليىتىڭلرنى تىخىمۇ جارى قىلىدۇرۇڭ… كەسىپداش ئەنۋەر
[Reply]
2011-01-02 12:26:52 8#
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىزنىڭ بۇ ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈپ سىزگە تىخىمۇ قايىل بولدۇم ھەقىقەتەن تالانتىڭىز باركەن .
ھەي…. بىزلەر قاچانمۇ سىزدەك نوچى لاھىيەلەرنى لاھىيلىگىدەك بولارمىز كىنتاڭ ؟؟؟؟؟
[Reply]
2011-01-02 12:53:18 9#
سىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن
[Reply]
2011-01-02 13:32:38 10#
ھەقىقەتەن چىرايلىق ، ئېسىل چىققان لايھەلەركەن . داۋاملاشتۇرۇڭ !
[Reply]
2011-01-03 19:45:16 11#
تولىمۇ ياقتۇردۇم ،تەكشىلىكتە لايىھەلەشنى نۆلدىن باشلاپ ئۆگەنمەكچى ئىدىم، كەلگۈسىدە ياردەملىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز~ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي~
[Reply]
2011-01-03 19:45:22 12#
تولىمۇ ياقتۇردۇم ،تەكشىلىكتە لايىھەلەشنى نۆلدىن باشلاپ ئۆگەنمەكچى ئىدىم، كەلگۈسىدە ياردەملىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز~ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي~
[Reply]
2011-01-04 04:10:25 13#
لايىھەلىرىڭىز ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ. مۇمكىن بولسا ئىلقۇت بلوگى ئۈچۈن رەسىم لايىھەلەپ بېرىشكە ۋاقتىڭىز چىقارمۇ؟ blog.ilqut.com
[Reply]
2011-01-04 16:57:03 14#
سىز لايھىىلەپ بەرگەن رەسىمنى بلوگىمنىڭ ھازىرقى ئۇسلۇبىغا ماسلاشتۇرۇپ ئازراق ئۆزگەرتىپ چىقارغانتىم،كۆرۈپ بىقىڭە ماسلىشىپتىمۇ ئۇسلۇبقا.
[Reply]
2011-01-04 17:44:49 15#
ئاتۇن ياتىدۇ سايدا تۇنىمىسا نىمە پايدا
[Reply]
2011-01-05 16:28:34 16#
كۆپ ئىشلارنى قىپسىلە ، لايىھىلىگەن ئەسەرلەر مەيلى رەڭ مەيلى ئۇسلۇپ جەھەتتىن بولسۇن كۆركەم چىقىپتۇ. 3d ئەسەرلەرمۇ نوچىكەن ، render مۇ بەك سۈپەتلىك بوپتۇ . تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى يارىتىڭلار.
[Reply]
2011-01-05 18:18:35 17#
بىلىملەر تورى قۇرۇلغىلى 3 يىلدەك بولدى، بۇ جەرياندان ھازىرقىچە لاتىنچە لوگو ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز. ئاتەش گۈزەل سەنئەت بلوگىدىكى ئۇستازلارنىڭ بىلىملەر تورىغا بىر توغ ياساپ بىرىشىنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلىمىز.
[Reply]
2011-02-12 21:54:14 18#
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رەسىمنى ياخشى ئىشلەيدىكەنسىلەر قۇلۇڭلارغا دەت كەلمىسۇن !!!
[Reply]
2011-06-13 11:53:09 19#
ئەسەرلىرىڭلىرنى كۆرۇپ بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم ھەمدە ھوزۇر پەخىرلەندىم ، ھارماي تالماي تىرىششىڭلاردىن ھامان تېخىمۇ پارلاق كەلگۇسىنى يارىتىشڭلارغا تىلەكداشمەن.
[Reply]
2011-06-14 15:07:24 20#
قارىسام سىزنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك ئەسەرلىرىڭىزنىڭ سۈپىتى تەكشىلىكتىكى ئەسەرلىرىڭىزنىڭكىدىن جىق ياخشىكەن ، دىمەكچىمەنكى ، 3 ئۆلچەملىك لاھىيلەش بەك كۆركەم چىقىپتۇ . مەن بەك ياقتۇردۇم .
[Reply]
ئاتەش Reply:
ئىيۇن 14th, 2011 at 17:30
رەھمەت، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ سۈپەتلىك ئەسەرلەرنى ئىشلەشكە تىرىشىمەن.
[Reply]
د.ئا.ئوغلان Reply:
ئىيۇن 15th, 2011 at 01:06
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئوغلان تۇغىنىڭ لاھىيىسىدە ، ھۆسىنخەت ماھارىتىڭىزنىمۇ ئايىماي نامايەن قىلىپ قويسىڭىز ، كىرگۈزگۈچتە كىرگۈزگەن خەت بىلەن قولدا يازغان خەتنىڭ پەرقى چوڭ بولىدىكەن . سەت بولدى ، تولا ئاۋارە قىلىۋەتتىم .
[Reply]
2011-06-20 17:46:30 21#
نىمە دىگەن ياخشى لايھە بۇ
[Reply]
2011-06-22 13:47:01 22#
Geez, that’s ubnleieavble. Kudos and such.
[Reply]
2011-07-02 06:16:08 23#
ئاپرېن! ھەقىقەتەن ئېسىل چىقىپتۇ! شۇ تاپتا ھاياجىنىمنى بېسىۋالالمايتىمەن!
ماڭىمۇ بىر كىشىلىك ئەسەر سورۇنى بېرەرسىلەرمۇ؟ ئەسەرلەرنى قانداق قىلىپ «ئاتەش گۈزەل سەنئەت تورى»غا يوللىيالايمەن؟ مېنىڭمۇ ئەسەرلىرىمنى كۆرگەزمە قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ!
[Reply]
2011-07-02 15:58:58 24#
ئەسەرلىرىڭىزنى بىزگە يوللاپ قويسىڭىز، بىز ۋاكالىتەن ئېلان قىلىپ قويساق بولىدۇ. مۇڭداشقۇدا ئۆزئارا قېتىشىپ بولدۇققۇ دەيمەن؟ شۇ ئارقىلىقلا يوللاپ قويىڭە.
[Reply]
2011-07-14 10:41:12 25#
ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم ، ماڭىمۇ بىر 88-31 لىق بىر لوگو ياساپ بەرسىڭىز بوپتىكەن ، بىكىتىمنىڭ خارەكتىرى كەسپى mtv تورى . ئادىرسى : http://www.milodiye.com
[Reply]
2011-08-05 07:45:30 26#
نىمە دىگەن ئېسىل. ماڭا بەك يارىدى.
[Reply]
ئاتەش Reply:
ئاۋغۇست 5th, 2011 at 12:53
رەھمەت.
[Reply]
2011-09-10 03:23:29 27#
تىخمۇتىرىشقىن دوستۇم
[Reply]
2011-12-05 12:06:47 28#
ئادىشىم، ماۋۇ لاھىيەلىرىڭنى كۆرۈپ كۆزلىرىم پاقىراپ كەتتى، خاپا بولماي مىنىڭ بلوگىمغىمۇ ئىشلەپ بەرسەڭ بوپتىكەن .
جاۋابىڭنى كۈتىمەن .
[Reply]
ئاتەش Reply:
دېكابىر 5th, 2011 at 14:23
ئاپلا مېنىڭ ئالدىمغا ئۆتىۋالدىڭدە، ئەسلى ئۆزۈممۇ شۇنى ئويلاپ تۇرغان ئىدىم. پات ئارىدا يوللاپ قوياي.
[Reply]
2011-12-27 17:57:39 29#
بلوگىڭىزدىكى مەزمۇنلارنى كىچىكىپ كۆرگەنلىكىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم. نىمە دېگەن گۈزەل، يارقىن سىمالار بۇ؟! ئىجاتچانلىقىڭىزغا بارىكاللا!!!
[Reply]