ئادىلجان ئابلىزنىڭ سىلەر كۆرمىگەن ئەسەرلىرىنى كۆرسىتىشتىن ئىلگىرى، رەسسامنى قايتا بىر تونۇشتۇرۋىتەي:
ياش رەسسام، خەتتات ئادىلجان ئابلىز 1971 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى قاراماي شەھىرىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قاراماي شەھىرىدە ئوقىغان. 1990 – يىلى قاراماي دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ گۈزەل سەنئەت سىنىپىنى تاماملاپ، قاراماي شەھەرلىك ئىشچىلار تېخنىكوم قارمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە گۈزەل،سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.1992–يىلدىن 1993–يىلغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتېنىڭ گۈزەل، سەنئەت فاكولتىتېدا بىلىم ئاشۇرغان.1994–يىلى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن «شىنجاڭ نېفىت گېزىتى» ئىدارىسىغا گۈزەل،سەنئەت مۇھەررىرى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەن.ئادىلجان ئابلىزنىڭ ھەجۋىي رەسىم سەنئىتى كەسپىگە ئىشتىياق باغلىغان ۋاقتى دەل ئۇنىڭ تولۇقسىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئاپتونۇم رايونىمىزدا چىقىرىلىۋاتقان نۇقتىلىق گېزىت – ژۇرناللاردا 200 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى ئېلان قىلىندى. 2001 – يىلى قاراماي شەھىرىدە تۇنجى قېتىملىق ھەجۋىي رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، مايتاغ رايونلىرىدا سەييارە كۆرگەزمە قىلىندى ھەم ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.«ساقتا سۆز»،« تېمىسىز»، «ئېلان» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئاپتونۇم رايونلۇق ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم 2-، 3– دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا؛ ئاپتونۇم رايونلۇق سودا–سانائەت ئىدارىسى، شىنجاڭ ئېلانچىلىق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان جامائەت پاراۋانلىقى تېمىسىدىكى مۇسابىقىدە ئىككى پارچە ھەجۋىي رەسىم ئەسىرى 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.ئۇ ھازىر ئاپتونۇم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قاراماي شەھەرلىك رەسساملار، خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، «مايبۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپلىك گۈزەل، سەنئەت مۇھەررىرى. ياش رەسسام ئادىلجان ئابلىز 2010- يىلى 11- ئاينىڭ 6 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھرىدە شەخسى ھەجىۋىي رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچقان بولۇپ كۆرگەزمىگە 100 پارچىدىن ئارتۇق ھەجىۋى رەسىم ئەسەرلىرى قويۇلغان .
تەرجىمھال «يوليار تورى» دىن ئېلىندى.
«ئۈچ ئۆلچەم» لايىھىلەر ۋە ماركا-ئوبراز لايىھىلىرى:
2011-12-26 07:34:40 گىلەم
3D لايھىلىرىمۇ بار ئىكەن ھە ، مەن كۆرمىگەن ئەسەرلىرىمۇ خېلى كۆپ ئىكەن . ئادىلجان ئابلىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن .
[Reply]
2011-12-27 17:44:40 كىگىز
بلوگىڭىزدىكى مەزمۇنلاردىن ئۆزگىچە زوق ئالدىم.
بلوگىڭىزنى خېلى ئوبدانلا گۈزەللەشتۈرۈۋاپسىز، تەلىملىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز؟!!!
[Reply]
ئاتەش Reply:
دېكابىر 28th, 2011 at 04:15
ھازىرچە مۇشۇنچىلىك قىلىپ تۇردۇق، بارا-بارا مۇكەممەللەشتۈرۈش ئويىمىز بار، تەلىمنى ئەسلى سىلىدىن ئالساق بولاتتى .
[Reply]