ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار، كەسىپداشلار
دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆز ئارا تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش مەخسىتىدە «نورۇز»بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەنبلوگىمىزدا «3Dئەسەرلەربىرلەشمە كۆرگەزمىسى »ئۇيۇشتۇرۇشنى ئويلاشقان ئىدۇق.گەرچە بۇ قېتىملىق توركۆرگەزمىسىگە خىلى كۆپ دوستلارنى، كەسىپداشلارنى تەكلىپ قىلغان بولساقمۇ تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى كەسىپداشلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى تاپشۇرۋىلىش شەرىپىگە ئىگە بولالمىدۇق. تۇرمۇش رېتىمى تېز، خىزمەتچىلىك ئالدىغا سىلىۋالغان بۇ كۈنلەردە بۇ خىل ئەھۋالنى توغرا چۈشەندۇق ھەم توغرا چۈشىنىشكەمەجبۇرمىز.شۇنداق بولسىمۇ تورداشلىرىمىزدىن پەرھات ئەمەت ۋە سادىقجان قاتارلىق ئىككى توردىشىمىز بۇ پائالىيەتكە يىقىندىن ماسلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى يوللاپ بەردى.مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ئىككى توردىشىمىزغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى ئىيتىمىز.
تۆۋەندىكى بەش پارچە ئەسەر توردىشىمىز پەرھات ئەمەتنىڭ ZBrush3.5 دا ئىشلىگەن ئەسەرلىرى:
مەرھۇم ئاتاقلىق قۇمۇل مۇقامچىسى ئاخۇنبەگنىڭ D3 ئوبرازى
ئاتاقلىق قۇمۇل مۇقامچىسى ئەسئەت مۇختەرنىڭ D3 ئوبرازى
توردىشىمىز سادىقجاننىڭ 3DS MAX دا
ئىشلىگەن مەشىق ئەسىرى :
مەنمۇ ئاددى بولسىمۇ كەڭ نورۇز ئەھلىگە «نان-چاي»ئېلىپ كەلدىم.(چاپلىما رەسىمدىن ئازىراق چاتاق چىققانلىقى ئۈچۈن ماتېرىيال سۈپەت ئۈنۈمى بېرىلمىگەن ھالەتتىكىسى يوللاندى)
2011-03-21 11:21:12 گىلەم
نورۇز بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. كېچىلىك ئىسمىنىدىن چۈشۈپلا ئاچ قورساق كەلگەنتىم مەن بىر تال نىنىڭىزدا ناشتا قىلۋەتتىم ئەمىسە…
[Reply]
2011-03-21 20:11:42 كىگىز
پاھ-پاھ. نورۇزغا ئالاھىدە سوۋغا تەييارلاپسىز قېرىندىشىم، پەرھات سادىقجانلارنىڭ ئىشلىگەن ئەسەرلىرىمۇ ئىنتايىن خاسلىققا ئىگە چىقىپتۇ. سىزنىڭ لاھىيىڭىزگىمۇ قول قويدۇم. سىزگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن!
[Reply]
2011-03-22 16:21:25 3#
يولىسام 200خەتتىن ئېشىپ كەتتى دەيدۇ،ھەي….؛ نۇرۇز مۇبارەك دوستۇم.
[Reply]
2011-03-22 16:23:25 4#
WPئوينىماقچى بولسىڭىز ياردەمدە بۇلاي، بۇ يەردىن كۆچۈپ كېتىڭە بىر ئىچىم سىقىلدى ئىنكاس يازالماي
[Reply]
2011-03-22 20:14:11 5#
گەرچە كىچىكىپ قالغان بولساممۇ نورۇز بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن .
[Reply]
2011-06-06 04:04:41 6#
مۇبارە بولسۇن. بو تور بىكەتتەيېڭلىق خېلى باركەن.
[Reply]
admin Reply:
ئىيۇن 6th, 2011 at 04:32
رەھمەت، تۇنجى قەدىمىڭىزگە مەرھابا! مۇبارەك قەدىمىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.
[Reply]
2011-07-05 05:41:40 7#
بۇ بەتتىكى ئەسەرلەرنى كۆرەلمىدىم! ئەسەر ئادرىسى خاتا يوللىنىپ قالدىمۇ ياكى مەنلا كۆرەلمەيۋاتىمەنمۇ؟
[Reply]
2011-07-07 06:36:19 8#
رەسىملەر كۆرۈنمەپتىغۇ؟
[Reply]
ئاتەش Reply:
ئىيۇل 7th, 2011 at 13:28
بلوگباستىن كۆچكەندە، سۈرەتلەرنى يېڭى ئادېرىسقا ئالماشتۇرىۋەتمەپتۇق، بىز ئوڭشاپ قويىلى.
[Reply]
2011-07-16 09:01:53 9#
ئاتەش بلوگىدا گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆپرەك تونۇشتۇرغاندىكىن بۇندىن كېيىن ئەسەرلەرنى ئامال قىلىپ مۇشۇ بوشلۇقنىڭ ئۆزىگە يوللىساق. بولمىسا رەسىملەر بۈگۈن بار ئەتىسى يوق بولۇپ قالىدىكەن. ھازىرمۇ بىرمۇ رەسىمنى كۆرەلمىدىم بۇ تېمىدىكى. ئويلىشىپ باقسىڭىز.
[Reply]
2011-07-24 11:15:48 10#
رەسىملەر كۆرۈنمەيدىغۇ؟
[Reply]
ئاتەش Reply:
ئىيۇل 24th, 2011 at 12:35
رەسىملەرنى بوشلۇققا قايتا يوللاپ قويدۇم، ئەمدى كۆرۈپ باقارسىز.
[Reply]
2011-07-25 12:53:37 11#
مەرھۇم ئاتاقلىق قۇمۇل مۇقامچىسى ئاخۇنبەگنىڭ 3d ئوبرازى ۋە ئاتاقلىق قۇمۇل مۇقامچىسى ئەسئەت مۇختەرنىڭ 3d ئوبرازى ناھايىتى ئوبرازلىق چىقىپتۇ ، كەسپدىشىمىز پەرھات ئەمەت ئوبراز مودىلى ياساش تېخنىكىسى جەھەتتە مېنى ھەقىقەتەن قايىل قىلدى.
پەرھات ئەپەندىم! نادىر ئەسەرلىرىڭىزنى يوللاپ كۆزىمىزنى ئېچىپ قويدىڭىز! رەھمەت!
يەنىمۇ ئىنچىكىلىۋەتكەن بولسىڭىز مودىلىڭىز تېخىمۇ سۈپەتلىك چىقاركەن، قۇرغان مودىلىڭىزدىكى ئوبرازنىڭ يۈز قىسىمىدىكى قورۇق، قاش، ساقال، .. قاتارلىق بىرنەچچە جايلىرى ئازىراق قوپال كۆرىنىدىكەن! شۇنداقتىمۇ ئەسىرىڭىزنىڭ مودىل ئاساسى قۇرۇلمىسى ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ! تېخىمۇ نادىر ئەسەر يوللاپ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىشىڭىزنىڭ ئۈمۈد قىلىمەن!….
[Reply]
2011-07-27 03:08:48 12#
نۇرۇز ئەھلىگە ئېلىپ كەلگەن نان چايلىرىڭىز خېلى تەملىكتەك قىلىدىغۇ؟! شۇغىنىسى كومزەكلىرىڭىزمۇ پىشمىغان خېمىردەكلا تۇرىدىكەن! ناننى تونۇردا قىزارتىپ پۇشۇرۇپ، كومزەكنى خۇمداندا تاۋلاپ، قاچا-قۇشۇقلىرىڭىزنى ياغاچتىن قىرىپ چىقارسىڭىز ياخشى بولىدىكەنتۇق ئەمەسمۇ؟! ھى…ھى…ھى…! قارىسام ناندىن تارتىپ قۇشۇققىچە ھەممىنى ئاق خېمىردىنلا ياسىغان ئوخشايسىز! يەنە تېخى داستىخانغا تىزىشنمۇ ئۇنتۇپسىز مانا! قارىغاندا ئاق خېمىېرنى داستىخانغا تىزىشتىن خىجىل بولۇپسىز-ھە! (چاقچاق جۇمۇ!)
مودىلنىڭ ماتېرىيال، چاپلىما رەسىملىرىنى قايتا تۇلۇقلاپ يوللاپ قويغان بولسىڭىزغۇ بەك خۇشال بولغان بولاتتىم! مودىلىڭىز بەك سۈپەتلىك چىقىپتۇ!
[Reply]
2011-07-27 03:13:13 13#
ئەسەرلەرنى بوشلۇققا قايتا يوللاپ قويغانلىقىڭىزدىن خۇشال بولدۇم! باشقا بەتتىكى كۆرۈنمەي قالغان ئەسەرلەرنىمۇ كۆرۈنگىدەك قىلىپ قايتا يوللاپ قويغان بولسىڭىز تېخىمۇ خۇشال بولغان بولاتتىم!
[Reply]