5-ئاينىڭ 10-كۈنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى شىمالىي ئوقۇتۇش رايۇنىدا ئىسكەندەر ئىسمائىل ھۆسىن خەت ئەسەرلىرى ئاساس قىلىنغان ھالدا گۈزەل-سەنئەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى، كۆرگەزمىگە ھۆسىن خەت، كەشتە، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بويۇملىرى بولۇپ 152 پارچە ئەسەر قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىسكەندەر ئىسمائىلنىڭ 50 پارچىدىن ئارتۇق ھۆسىن خەت ئەسىرى كۆرگەزمىگە قويۇلدى. كۆرگەزمىگە مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 2000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى ۋە ئەسەرلەرگە يۇقىرى باھالارنى بېرىشتى.
كۆرگەزمىگە يەنە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيغۇرچە گېزىتىنىڭ مەسئول مۇھەررىرى ئوسمانجان نۇرنىڭ ھەمراھلىقىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەتتاتلار جەمىئيتىنىڭ ئەزاسى، كەسپى خەتتات ئەرشىدىن رېشىت راشىد، خەتتات ساتتارجان ئەركىن روھلانى قاتارلىقلار قاتنىشىپ كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلەرنى كۆزدىن كەچۇردى ھەمدە نەق مەيداندا ئۆزىنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىنى بەردى.
2011-07-02 05:50:13 گىلەم
بارىكاللا! ئىشلىرىڭىز ئۇتۇغلۇق بولغاي!
[Reply]
2012-01-07 13:32:52 كىگىز
مەنمۇ ھۆسۈنخەت ھەېەسكارى،سىزدەك ھۆسۈن خەت يېزىپ مىللىتىمنىڭ روھى دۇنياسىنى بېيىتسام دەيمەن…..ئاللاھ سىزگە بەركەت ئاتا قىلغاي!
[Reply]