ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار، كەسىپداشلار.
بۇ يەكەن ناھىيىسىدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 2010- يىللىق *كەسپىي ئىمتىھان قول ھۈنەر- سەنئەت تۈرىدىكى ئەسەلەر بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار بۇ ئەسەرلەرنى ئىشلەش جەھەتتە ئەسەر مەزمۇنى، ئىشلىتىلگەن ماتېرىيال، ئىجادىي تەسەۋۋۇر ۋە ئىشلەش ماھارىتى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ ئىزدەنگەن. ئەگەر سىز بىر گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولسىڭىز، بۇ ئەسەرلەردىن ئىلھام ئېلىپ، يەنىمۇ ئىسىل ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلالىشىڭىز مۇمكىن.
ئەسەرلەر كۆپ بولغاچقا ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ يوللاندى، كۆرۈپ ياقتۇرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز.
ئاخىرىدا بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسىنى تەمىنلەپ بەرگەن يەكەن ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى قىيۇم مۇئەللىمگە ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
*كەسپىي ئىمتىھان - ئاپتۇنۇم رايۇندىن بىر تۇتاش يولغا قويغان، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي سەۋىيە ئىقتىدارىنى سىناش ئۈچۈن يولغا قويغان ئىمتىھانىنى كۆرسىتىدۇ. ئىمتىھان ھەرقايسى پەنلەر بويىچە ئېلىنىدۇ، گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا، تەنتەربىيە… قاتارلىق پەنلەردىن نەزىرىيە ۋە ئەمەلىيەت بىرلەشتۈرىلىدۇ. (نەزىرىيە ٪80، ئەمەلىيەت ٪20 )
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش