ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنى ئۆگەنگۈچىلەرنى بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەملىك، ئاممىباب قوللانما بىلەن تەمىنلەش مەقسىتىدە شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشىرىياتى «تۈز خەت نۇسخىسى»، «رۇقئى خەت نۇسخىسى»، «تەئلىق خەت نۇسخىسى»، «سۇلۇس خەت نۇسخىسى»، «نەسىخ خەت نۇسخىسى»، «كۇفى خەت نۇسخىسى»، «دىۋانى خەت نۇسخىسى» قاتارلىق بىر يۈرۈش «ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنى ئۆگىنىش قوللانمىسى» نى تۈزۈپ نەشىر قىلدى.
ئۆگۈنۈش قوللانمىسى يۇقاردا ئىسمى ئاتالغان يەتتە خىل ئاساسىي خەت نۇسخىسىنى ئاساس قىلىپ، ئايرىم- ئايرىم كىتابچە ھالىتىدە تۈزۈلگەن بولۇپ، ھەربىر كىتابچىنىڭ يەككە باھاسى 13.80 يۈەن.
ئىشىنىمىزكى بۇ قوللانما ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنى ئۆگۈنۈش ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن زۆرۈر قوللانما بولۇپ قالغۇسى.
پىلانلىغۇچى: ئادىل مۇھەممەد
تۈزگۈچىلەر: ئابلىمىت ئوسمان، ئەخمەت مۆمىن تارىمى، ئادىلجان ئايىت، مۇيەسسەر ھەسەن، ھەبىبۇللا ھامىد، ئەرشىدىن رېشىت، خەمىدە سەئىد ئالىم
2012-02-01 09:48:49 گىلەم
مەن تەئىلىق خەت نۇسخىسى بىلەن سۇلۇس خەت نۇسخىسىنى سېتىۋالغىلى 2 كۈن بولدى . ھەقىقەتەن ياخشى كىتاپ ئىكەن . سۈپەت جەھەتتىنمۇ بەك ياخشى بوپتۇ . ئەگەر ھۆسىن خەت يېزىشنى باشتىن ئۆگەنمەكچى بولغانلارغا مەن بۇ كىتاپنى تەۋسىيە قىلىمەن .
[Reply]
ئاتەش Reply:
فېۋرال 1st, 2012 at 11:54
مەنمۇ تېمىدا سۈرىتى بېرىلگەن ئۈچ پارچە كىتابنى سىتىۋالدىم. راست بەك ياخشى تۈزۈلۈپتۇ، بولۇپمۇ تەئلىق بىلەن سۇلۇس قىسمى.
[Reply]
2012-02-03 18:39:08 كىگىز
بۇ كىتابنى قەيەردىن سېتىۋالىمىز ؟
داڭ داڭ ياكى تاۋباۋ دا بولغان بولسا بىرنى زاكاس قىلدۇراتتىم
[Reply]
ئاتەش Reply:
فېۋرال 4th, 2012 at 04:02
ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا بار ئىدى، ئەھۋالدىن قارىغاندا سىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوخشايسىز، ئەگەر راستىنلا بەك زۆرۈر بولسا مېنىڭ بىر كىتابپۇرۇش دوستۇم بار، شۇنىڭ بىلەن كۆرىشىپ باقسىڭىز، بەلكىم سىزگە ئىۋەتىپ بېرەلىشى مۇمكىن.
مۇڭداشقۇ نۇمۇرى: 191756245
بلوگ ئادېرىسى: http://www.kitabpurux.com/
[Reply]
2012-02-04 10:17:46 3#
ھەقىقەتەن سۆيۈنگىدەك ئىش بوپتۇ.
[Reply]
ئاتەش Reply:
فېۋرال 4th, 2012 at 14:02
راست دەيسىز.
[Reply]
2012-02-06 19:22:30 4#
ھەممىنى چىچىپ يۈرگىچە بىر يەرگە يىغىپلا نەشىر قىلسا بولماسمىدى مۇشۇ خەق… قەغەز ئەرزانلاپ كىتىپ بارسا كىتابلار قىممەت چىققان … بىر تال كىتاپ 13 سوم بولسا 7 تال كىتاب … ئېشىكى 3 تەڭگە توقۇمى 15 تەڭگە … مەن يەنىلا ئەرەپ ھۆسىنخەتلىرىدىن نەمۇنىلەر دىگەن كىتابنى تەۋسىيە قىلىمەن! بۇ كىتابنى تاپماق تەسرەك… لېكىن ھەرىپلەرنىڭ يىزىلىش قائىدىسى ناھايىتى ئۆلچەملىك!
[Reply]
ئاتەش Reply:
فېۋرال 14th, 2012 at 10:44
بۇ ئىنكاسىڭىزنى سىپەم دەپ تونىۋاپتۇ ئەمەسمۇ، بۈگۈن سىپەملەرنى ئۆچۈرۋىتەي دەپ كىرىپ قارىسام تۇرىدۇ. شۇڭا كېچىكىپ بولسىمۇ بۈگۈن تەستىقلىۋەتتىم. ئۆزىرلىكمەن.
[Reply]